باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئېغىر قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 22 نەپەر ئاسىيالىق ئىشچى نەق مەيداندا قازا قىلدى

2013.02.05 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ساقچى تەرەپ 4-يانۋار پايتەخت ئەبۇزەبىرنىڭ شەھەر ئەتراپىدا شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېغىر قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدە 22 ئادەمنىڭ نەق مەيداندا قازا قىلغانلىقىنى، 24 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، قازا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاسىيالىق ئىشچىلار ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئەبۇزەبىر ساقچى تەرەپنىڭ مەسئۇلى ھۇسەيىن خالىسنىڭ نەق مەيداننى تەسۋىرلىگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە يۈك ئاپتوموبىلنىڭ تورمۇزى ئىشلىمەي، ئاپتوبۇسنى سوقۇپ ئۆرۈۋەتكەنلىكىنى، ۋەقەدە 22 ئادەمنىڭ نەق مەيداندا قازا قىلغانلىقى، 24 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، يارىدارلانغانلار ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالانغانلىقىنى، بەزىلەرنىڭ يارىسىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

  مەزكۇر جايدىكى ساقچى تەرەپ قازا قىلغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى تېخى دەلىللەپ ئاشكارىلىمىغان، ئەمما قازا قىلغۇچىلارنىڭ ھەممسىنىڭ ئاسىيالىق ئىشچىلار ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن. بەزى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئىچىدە 20 نەپەر بىنگاللىق ئىشچى بار ئىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە