- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
يەمەندە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرىدىكى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 11 ئەسكەر قازا قىلدى
2013.01.29 13:30 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. يەمەن بىخەتەرلىك خادىمى 28-يانۋار كەچتە، يەمەننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بىدە ئۆلكىسىدە ئىككى جايدىكى ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ شۇ كۈنى كەچتە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە ئۇچراپ، ئاز دېگەندە 11 نەپەر ھۆكۈمەت ئەسكىرىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، كۆپ ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.
بىدە ئۆلكىسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر بىخەتەرلىك ئەمەلدارىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، 28-يانۋار كەچتە بىدە ئۆلكىسى لادا بازىرىدا ئىككى جايدىكى ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرۇش پونكىتى ئارقا-ئارقىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان، ھۇجۇم قىلغۇچىلار پارتلاتقۇچ دورا قاچىلانغان ماشىنىنى تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھەيدەپ كىرىپ، 11 نەپەر ھۆكۈمەت ئەسكىرىنىڭ قازا قىلىشىنى، 13 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھۇجۇم قىلغۇچىمۇ نەق مەيداندا قازا قىلغان.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە