خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 0گىچە، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىكى بۇ يىل 60 مىليون 100 توننا سۇيۇق نېفىت، 30 مىليارد 159 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىپ، نېفىت-گاز ئېكۋىۋالېنتى 30 مىليون 31 مىڭ 200 توننىغا يەتتى. بۇ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ 30 مىليون توننىلىق چوڭ نېفىتلىك-گازلىق ۋە 30 مىليارد كۇب مېتىرلىق چوڭ گازلىق رايونىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، دۆلىتىمىزنىڭ نېفىت-گاز ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىز باسما رايونغا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ يىلدىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكى بوز-چوڭ شىمال، تارىم شىمالىي نېفىتلىكى فۇمەن رايونىدا ئىككى 1 مىليارد توننا دەرىجىلىك مەركەزلىك ئىشلەپچىقىرىش رايونى قۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 8000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا مول نېفىت-گاز بايلىقىنى تېپىپ، 133 ئېغىز نېفىت-گاز قۇدۇقى يۇقىرى مەھسۇلاتلىق نېفىت-گاز ئېقىمىغا ئېرىشىپ، پۈتۈن يىللىق نېفىت-گاز مەھسۇلاتىدا يەنە يېڭى رېكورت ياراتتى. ھازىرغىچە، تارىم نېفىتلىكى ئىشلەپچىقارغان نېفىت-گاز 400 مىليون توننىدىن ئېشىپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش بويىچە تەمىنلىگەن گاز 260 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇپ، يىلدا شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى بەش ۋىلايەت، ئوبلاستقا 4 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلۈپ، 4 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ