مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى «ئاقىل يېزا ئىگىلىكى» ئارقىلىق مول ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلدى

2020.07.06 16:14 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  6-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئارىشاڭ ناھىيەسى كۆكتوقا نەسىللىك چارۋا فېرمىسى زاكىنبۇلاق ئەترىتىنىڭ 2000 مو كۆممىقوناقلىقىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا، يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان ئۈچ ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى قاتار تىزىلىپ، كۆممىقوناققا پىت چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەشغۇلاتى قىلىۋاتاتتى.

  ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان باشقۇرغۇچىسى چېن فاڭيۈەن مۇنداق دېدى: سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ ياردىمىدە، ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى سۇ، دورا تېجەپ، يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئەمگەك كۈچىنى تېجەپلا قالماي، يەنە سۈنئىي ئۇسۇلدا دورا چېچىشتىن ئاسان زەھەرلىنىش يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگەتتى.

  زاكىنبۇلاق ئەترىتىنىڭ خىزمەتچىسى ۋۇ خۇڭلېينىڭ كۆممىقوناقلىقىدا، 20 كىلوگىرام دورا قاچىلانغان ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى باشقۇرغۇچىنىڭ يىراقتىن تىزگىنلىشى بىلەن، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان لىنىيە بويىچە، كۆممىقوناقلىقنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا دورا پۈركۈش مەشغۇلاتى قىلىۋاتاتتى. «بۇ خىل دورا پۈركۈيدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ دورا چېچىش ئۈنۈمى ياخشى، سۈرئىتى تېز، ئىلگىرى 400 مو يەرگە تىراكتور بىلەن دورا چېچىشقا ئىككى كۈن كەتسە، ھازىر تۆت سائەتلا كېتىدۇ.» دېدى ۋۇ خۇڭلېي.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئۆسۈملۈك ئاسراش تېخنىكىسىنى پائال كېڭەيتىپ، يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا بىرلەشتۈرۈپ ئوغۇتلاش، دورا چېچىش مەشغۇلاتى قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھازىر، ئوبلاست بويىچە يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسى ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىدىن 100ى بار بولۇپ، مەشغۇلات كۆلىمى 110 مىڭ مودىن ئاشىدۇ.

  ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىدىن باشقا، بورتالا ئوبلاستى يەنە يېزا ئىگىلىك ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىگە يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش، ياردەمچى ھەيدەش سىستېمىسى ئورنىتىشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتتى. بورتالا ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۈگو مۇنداق دېدى: «يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىغا تايىنىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۈسكۈنىلىرى پىلان لىنىيەسى بويىچە ئىلگىرىلەپ، دەل جايىدا مەشغۇلات قىلىدۇ، ‹ئاقىل يېزا ئىگىلىكى› مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالدى. ھازىر، بورتالا ئوبلاستىدا 662 يۈرۈش يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۈسكۈنىسىگە يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان.»

  دىڭ شۈگو مۇنداق دېدى: « ئۇرۇق سېلىشتىن ئېتىز پەرۋىشى، يەنە يىغىش ۋە چوڭقۇر تېرىشقىچە، يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا كارامىتىنى كۆرسەتتى. دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىشقا تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىگە تايىنىپ، بورتالا ئوبلاستى يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش، ياردەمچى ھەيدەش سىستېمىسىنىڭ تىراكتور، كومبايىن قاتارلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئورنىتىشنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتتى ھەم بۇ تېخنىكىنى تۈجۈپىلەپ تېرىش، دەل جايىدا ئوغۇتلاش، دورا چېچىش قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا قوللىنىپ، بورتالا ئوبلاستىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈردى».

  بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى «ئاقىل يېزا ئىگىلىكى» ئارقىلىق مول ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لېلې خەۋىرى): 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئارشاڭ ناھىيەسى كۆكتوقا نەسىللىك چارۋا فېرمىسى زاكىنبۇلاق ئەترىتىنىڭ 2000 مو كۆممىقوناقلىقىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا، يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان ئۈچ ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى قاتار تىزىلىپ، كۆممىقوناققا پىت چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەشغۇلاتى قىلىۋاتاتتى.

  ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان باشقۇرغۇچىسى چېن فاڭيۈەن مۇنداق دېدى: سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ ياردىمىدە، ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى سۇ، دورا تېجەپ، يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئەمگەك كۈچىنى تېجەپلا قالماي، يەنە سۈنئىي ئۇسۇلدا دورا چېچىشتىن ئاسان زەھەرلىنىش يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگەتتى.

  زاكىنبۇلاق ئەترىتىنىڭ خىزمەتچىسى ۋۇ خۇڭلېينىڭ كۆممىقوناقلىقىدا، 20 كىلوگىرام دورا قاچىلانغان ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى باشقۇرغۇچىنىڭ يىراقتىن تىزگىنلىشى بىلەن، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان لىنىيە بويىچە، كۆممىقوناقلىقنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا دورا پۈركۈش مەشغۇلاتى قىلىۋاتاتتى. «بۇ خىل دورا پۈركۈيدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ دورا چېچىش ئۈنۈمى ياخشى، سۈرئىتى تېز، ئىلگىرى 400 مو يەرگە تىراكتور بىلەن دورا چېچىشقا ئىككى كۈن كىتەتتى ، ھازىر تۆت سائەتلا كېتىدۇ.» دېدى ۋۇ خۇڭلېي.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئۆسۈملۈك ئاسراش تېخنىكىسىنى پائال كېڭەيتىپ، يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا بىرلەشتۈرۈپ ئوغۇتلاش، دورا چېچىش مەشغۇلاتى قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھازىر، ئوبلاست بويىچە يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسى ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىدىن 100ى بار بولۇپ، مەشغۇلات كۆلىمى 110 مىڭ مودىن ئاشىدۇ.

  ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىدىن باشقا، بورتالا ئوبلاستى يەنە يېزا ئىگىلىك ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىگە يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش، ياردەمچى ھەيدەش سىستېمىسى ئورنىتىشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتتى. بورتالا ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۈگو مۇنداق دېدى: «يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىغا تايىنىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۈسكۈنىلىرى پىلان لىنىيەسى بويىچە ئىلگىرىلەپ، دەل جايىدا مەشغۇلات قىلىدۇ، ‹ئاقىل يېزا ئىگىلىكى› مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالدى. ھازىر، بورتالا ئوبلاستىدا 662 يۈرۈش يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۈسكۈنىسىگە يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلدى.»

  دىڭ شۈگو مۇنداق دېدى: ئۇرۇق سېلىشتىن ئېتىز پەرۋىشى، يەنە يىغىش ۋە چوڭقۇر تېرىشقىچە، يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا كارامىتىنى كۆرسەتتى. دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىشقا تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىگە تايىنىپ، بورتالا ئوبلاستى تىراكتور، كومبايىن قاتارلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش، ياردەمچى ھەيدەش سىستېمىسى ئورنىتىشنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتتى ھەم بۇ تېخنىكىنى تۈجۈپىلەپ تېرىش، دەل جايىدا ئوغۇتلاش، دورا چېچىش قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا قوللىنىپ، بورتالا ئوبلاستىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت ئۈنۈمى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈردى».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ