مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو-گانا دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شى جىنپىڭ گانا زۇڭتۇڭى ئاكۇفۇ ئادو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشتى

2020.07.06 16:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7- ئاينىڭ 5- كۈنى گانا زۇڭتۇڭى ئاكۇفۇ ئادو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەشتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گانا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولغان بۇ ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى، ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەنگانا ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىدا ياخشى ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، ئۇ ئىككى تەرەپ خەلقىگە ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو گانانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇشۇپ، يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇردى، ئۇ ھەم شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان قېرىنداشلارچە دوستلۇقىنى نامايەن قىلدى. مەن جۇڭگو بىلەن گانا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ھەمدە زۇڭتۇڭ ئاكۇفۇ ئادو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ھەم شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئارىمىزدىكى ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىرداش گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ