مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، ھۆكۈمەت باش ۋەزىرى خۇڭسېن بىلەن ئۆزئارا خەت ئەۋەتىشتى

2020.07.06 16:23 مەنبە: خەلق تورى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 3- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، ھۆكۈمەت باش ۋەزىرى خۇڭسېنغا ئاغزاكى خەۋەر يوللىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 يىللىقى پەيتىدە، سىز رەئىس ئەپەندى ماڭا مەخسۇس خەت ئەۋەتىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ۋە كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو بىلەن كامبودژادىكى ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان ئارزۇيىڭىز ۋە قارىشىڭىزنى ئىپادىلىدىڭىز، مەن بۇنى ئالقىشلايمەن.جۇڭگو بىلەن كامبودژا ئۆزئارا ھەمدەمدە بولىشىدىغان ياخشى قوشنا ۋە ياخشى ھەمراھلاردىندۇر. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو-كامبودژا ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى ئۆزئارا قوللاپ، زىچ ۋە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇردى ھەم مۇھىم ۋە زور باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق جۇڭگو-كامبودژا تەقدىرداش گەۋدىسىنىڭ يىمىرىلمەس ئىكەنلىكىنى شەرىھلىدى. سىز رەئىس ئەپەندى جۇڭگو تەرەپتە يۇقۇم ئېغىر بولۇۋاتقان پەيتتە مەخسۇس زىيارەتكە كېلىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى، ھەمدە جۇڭگو خەلقى ۋە مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردىڭىز. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-كامبودژا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەن رەئىس ئەپەندى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەلەر ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە باشقا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-كامبودژا تەقدىرداش گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ