مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موڭغۇلىيە خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، ھۆكۈمەت زۇڭلىسى كۈرىلسۇكې بىلەن ئۆزئارا خەت ئەۋەتىشتى

2020.07.06 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 3- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موڭغۇلىيە خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، ھۆكۈمەت زۇڭلىسى كۈرىلسۇكېغا ئاغزاكى خەۋەر يوللىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە تاغ-دەريالىرى تۇتاش كەتكەن دوست ۋە قوشنا دۆلەتلەردۇر. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى زىچ قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشتەك چوڭقۇر دوستلۇقنى تولۇق نامايان قىلدى. سىز رەئىس ئەپەندى جۇڭگو تەرەپنىڭ يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردىڭىز. جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىللە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.مەن شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۈمكى، موڭغۇلىيە خەلق پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى ھەمدە موڭغۇلىيە جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، موڭغۇلىيە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە -ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتە تەكشى ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلدى، يېقىندا يەنە پارلامېنت سايلىمىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزدى.

  يېقىندا، سىز رەئىس ئەپەندى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 يىللىقى پەيتىدە ماڭا مەخسۇس خەت ئەۋەتتىڭىز، بۇ سىزنىڭ ۋە موڭغۇلىيە خەلق پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىڭلاردىن تولۇق دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى موڭغۇلىيە خەلق پارتىيەسى بىلەن بىللە ھەرقايسى قاتلام-دەرىجىلىكلەر ۋە ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئارا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، رايون تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ