مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىز مۈلۈك مۇلازىمىتىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرىدۇ

2020.06.02 15:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى كۆپ تارماق بىلەن بىرلىشىپ «ئاپتونوم رايوننىڭ مۈلۈك مۇلازىمەت ساھەسىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، مۈلۈك مۇلازىمەت ساھەسىنى مەخسۇس تۈزەش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۈلۈك باشقۇرۇش سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ئالتە شەھەر (ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرى، قومۇل شەھىرى، سانجى شەھىرى، كورلا شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى)نىڭ تۇرالغۇ مۈلۈك باشقۇرۇش بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى%90تىن ئاشۇرۇش، شەھەر تەسىس قىلىنغان باشقا شەھەرلەرنىڭ تۇرالغۇ مۈلۈك باشقۇرۇش بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %85تىن ئاشۇرۇش، ناھىيە بازىرىنىڭ تۇرالغۇ مۈلۈك باشقۇرۇش بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %80تىن ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

  بۇ قېتىمقى مەخسۇس تۈزەشتە مۈلۈك مۇلازىمىتى قېلىپلاشماسلىق، مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش ئاشكارا، ئېنىق بولماسلىق، تۇرالغۇنى مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر تۈزىتىلىپ، ئامما ئەرز قىلغان ۋە جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دىققەت نۇقتا مەسىلىلىرى نۇقتىلىق قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. مەسىلەن، سەپلەنگەن خادىملار مۈلۈك مۇلازىمەت ئۆلچىمىنىڭ سەپلەش تەلىپىدىن تۆۋەن بولۇش، تەمىنلىگەن مۈلۈك مۇلازىمىتى توختامدا كېلىشكەن مۇلازىمەت ئۆلچىمىگە يەتمەسلىك، سۈپەت بىلەن باھا ماس كەلگەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىيەلمەسلىك؛ كىچىكرەك مۈلۈك باشقۇرۇش ئولتۇراق رايونلىرىدا ئۈنۈملۈك رايون بىرىكتۈرۈش يولغا قويۇلماسلىق، ئولتۇراق رايوننىڭ مۈلۈك مۇلازىمىتى قېلىپلىشىش تەلىپىگە يەتمەسلىك، مۈلۈك ئىگىلىرىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇش، زىددىيەت، ماجىرالار گەۋدىلىك بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر. مۈلۈك مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش جەھەتتە، مۈلۈك مۇلازىمىتى كارخانىلىرى (مۈلۈك باشقۇرغۇچى) باھا باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ياكى مۈلۈك مۇلازىمەت توختامىدىكى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەق ئېلىش دائىرىسىنى ئۆز ئالدىغا كېڭەيتىش، تەكرار ھەق ئېلىش، مەجبۇرىي مۇلازىمەت قىلىش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن مەجبۇرىي مۇلازىمەت قىلىش ھەم ھەق ئېلىش؛ باھانى بەلگىلىمە بويىچە ئېنىق يازماسلىق؛ ئۆتكۈزۈۋالغان ئالدىنقى مەزگىللىك مۈلۈك ياكى كاپالەتلىك ئولتۇراق رايوندا مۈلۈك مۇلازىمەت ھەققى، ئولتۇراق رايوندا ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى ئېلىشتا ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسىنى ئىجرا قىلماسلىق؛ ئالغان مۈلۈك مۇلازىمەت ھەققى، ئولتۇراق رايوندا ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى ۋە چىقىمنى قانۇن بويىچە ئېلان قىلماسلىق قاتارلىقلار نۇقتىلىق تۈزىتىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۈلۈك مۇلازىمىتى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ، مۈلۈك مۇلازىمەت ھەققى، تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىشى تېخىمۇ مۇۋاپىق، ئاشكارا، ئېنىق بولىدۇ، ئاممىنىڭ ئەرز - شىكايەتلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ ھەل قىلىش نىسبىتى %90تىن ئاشۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ مۈلۈك مۇلازىمىتىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ؛ كونا ئولتۇراق رايون، كۆلىمى كىچىكرەك ئولتۇراق رايونلاردا بىردەك مۈلۈك مۇلازىمىتى بويىچە باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، مۈلۈك مۇلازىمىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، تەرتىپلىك قىلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ