مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پەرۋىش خىزمەتچىلىرى خەلقئارا سېسترالار بايرىمىنى «بۇلۇتتا تەبرىكلىدى»

2020.05.14 16:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «ئېغىر مۇداپىئە كىيىمىگە ئاغرىقلارنىڭ ئىشەنچى ۋە ئۇلارغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق يۈكلەنگەن، تەر سۈيى تۇتۇقلاشتۇرغان ئاسراش كۆزەينىكىدە ئاغرىقلار بىلەن قەلبى يۇغۇرۇلغان چەكسىز مۇھەببەت ئەكس ئەتكەن، سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلاردىن بىز يۇقۇمدىن كېيىنكى قۇياش نۇرىنى كۈتۈۋالدۇق...» قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان «ئەڭ گۈزەل جۇڭگو پەرۋىشكارىغا ئېھتىرام» ناملىق شېئىر دېكلاماتسىيەسى «قارلىغاچسىمان دوپپىلىق پەرىشتە»نىڭ ھارغىن ھەم ئالدىراش قەلبىنى لەرزىگە سالدى. 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسىدىكىلەر سىن يىغىن شەكلىدە پۈتۈن شىنجاڭدىكى پەرۋىش خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە 2020 - يىللىق خەلقارا سېسترالار بايرىمىنى «بۇلۇتتا تەبرىكلىدى».

  سىن تەبرىكلەش يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئاساسىي يىغىن مەيدانى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەر شۆبە يىغىن مەيدانى قىلىندى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى پەرۋىشكارلار ئوخشاش ۋاقىتتا «بۇلۇتتا» جەم بولدى، خۇبېينىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن مەملىكەت بويىچە پەرۋىش قىلىشتىكى ئىلغار ۋەكىللەرنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىش، شىنجاڭ ئىچىدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە پەرۋىش قىلىش ۋەكىللىرىنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىش، ئەڭ گۈزەل قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرۈش سىن قىسقا فىلىمى، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پەرۋىش خىزمەتچىلىرىنىڭ پەرۋىش ئىشلىرى ئۈچۈن شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئېسىل پەزىلىتى، قورقماس روھى بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە پائال ئاتلىنىشتەك بۇرچ، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۆپ نۇقتىدىن، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىندى.

  شۇ كۈنى، ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا مەملىكەت بويىچە سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر، جۇڭخۇا پەرۋىش ئىلمىي جەمئىيىتى بويىچە 2020 - يىللىق كۆزگە كۆرۈنگەن پەرۋىش خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى تەقدىرلەندى.

  «ئورتاق بىر ئېتىقاد ئۈچۈن مەن ۋە سەپداشلىرىم ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي ۋۇخەنگە ياردەم بەردۇق، قەھرىمان ۋۇخەن خەلقى بىلەن بىللە، بېغىشلاش، قەيسەرلىك، جان تىكىپ ئېلىشىش ۋە ئۈمىد ئارقىلىق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردۇق.» ئەمدىلا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار پارتىيە كومىتېتى تەرىپىدىن «قالتىس ئۇنىڭغا ئېھتىرام. بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئايال ئاۋانگارتى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى ۋاڭ سەيخۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتتە، مەن يۇقۇم مەزگىلىدىكى خەۋپ - خەتەردىن قورقمايدىغان، ئۆزىنى بېغىشلاشنى خالايدىغان روھنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمەن».

  «مەملىكەت بويىچە سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالانغان شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا ئېغىر كېسەللەر تېببىي 1 - بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى يۈەن يۈەن ۋۇخەندىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھېكايىسىدىن نەق مەيداندا ھەمبەھرىلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «پەرۋىش قىلىش − ئالىيجاناب كەسىپ، قەيسەرلىك بىلەن چىڭ تۇرۇش. شان - شەرەپكە ئېرىشىش − خىزمەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، ھەرگىزمۇ ئاخىرلىشىش نۇقتىسى ئەمەس. مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ سېسترالارغا يوللىغان ئۈمىدىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتتە نايدىنگېر روھىنى ئەۋج ئالدۇرىمەن، ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھاياتلىقنى قەدىرلەپ، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلاشنى خالايدىغان، چەكسىز مۇھەببەتكە تولغان ئالىيجاناب روھنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ