مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى

2020.05.13 17:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بۇ يىل 204 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 75 مەھەللىگە نەپ يەتكۈزۈش پىلانلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر پەن يەنيۈن، ما يۈچىڭ خەۋىرى): يېقىندا، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر شەھىرى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى، پەيزاۋات ناھىيەسى قاتارلىق سەككىز ناھىيە، شەھەردىكى 75 كونا مەھەللىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىدىغان بولۇپ، ئۆزگەرتىش كۆلىمى 657 مىڭ 300 كىۋادرات مېتىر بولىدىكەن، 204 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇ تۈردىن 8696 ئائىلە نەپكە ئېرىشىدىكەن.

  تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى تارماقلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاشنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شەھەر ـ بازارلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاپ، شەھەر ـ بازارلارنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى. ھەر قايسى ناھىيە(شەھەر)لەر شەھەر-بازار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، بۇ يىل 37 شەھەر-بازارنىڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرىدە ئىش باشلاپ، 2 مىليارد 840 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى. بۇ قېتىمقى كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرىدە ئولتۇراق رايوننىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، مۇھىتنى كۆكەرتىش، يولنى قاتتىقلاشتۇرۇش، تامنى گۈزەللەشتۈرۈشتىن باشقا، يەنە يەر ئاستى سۇ تۇرۇبىسى، ھاۋا لىنىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى لىنىيەسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

  قەشقەر ۋىلايىتى تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى تارماقلىرىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شەھەر ـ بازار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا ئەلرايى قۇرۇلۇشى بولۇپ، كونا مەھەللىلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى مەنبەدىن ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە شەھەر قىياپىتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدىكەن. ھازىر، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسى قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ شەھەر ـ بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى تۇرغۇزۇش، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش، خېرىدار چاقىرىش قاتارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇپ، قىسمەن تۈرلەردە ئىش باشلانغان.

  ئىگىلىنىشىچە، 2019 ـ يىلى، قەشقەر ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ يوپۇغا ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەسى، مارالبېشى ناھىيەسىدە يولغا قويغان شەھەر ـ بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش تۈرىدە، 45 ئولتۇراق رايوندىكى 3344 ئائىلە نەپكە ئېرىشكەن. شەھەر ـ بازارلارنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىگە ئەگىشىپ، پاسكىنا سۇ، ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، كونا تۇرۇبا تورى، يۇندا يولىنى ئۆزگەرتىش، يول يۈزىنى رېمونت قىلىش، ئۆز ئالدىغا قالايمىقان سېلىۋالغان قۇرۇلۇشنى چېقىش قاتارلىق ئۆزگەرتىش تۈرلىرى سىجىل ئالغا سىلجىتىلغاندىن كېيىن، كونا ئولتۇراق رايوندا ئىلگىرىكى ئەسلىھەلەر كەمچىل بولۇش، سىرتقا چىقىش قولايسىز بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چەكلەۋاتقان ئەھۋاللار ئۆزگەرتىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى يېڭى تۈسكە كىرگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ