مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز

2019.12.16 14:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدىكى ھەر مىللەت ئامما بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: كاشىلىلارنى تۈگىتىپ بىر نىيەتتە كۈرەش قىلىمىز −

  ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز ئامېرىكا ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن تۆھمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشتىكى تىرىشچانلىقىغا ھە دەپ قارا چاپلىدى. بۇنداق بۇرمىلاش، قارا چاپلاش قىلمىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قاتتىق غەزەپلىنىشى، كۈچلۈك ئەيىبلىشى ۋە قەتئىي قارشى تۇرۇشىنى قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ھەر مىللەت ئامما زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، كاشىلىلارنى تۈگىتىپ بىر نىيەتتە كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

  «ھازىرقى تۇرمۇشىمىز تىنچ، بەختلىك»

  «شىنجاڭغا كېلىپ باقماي تۇرۇپ، ھەقىقىي شىنجاڭنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىشىغا كەلسە - كەلمەس قول تىقتى، شىنجاڭغا ھە دەپ تۆھمەت قىلدى، قارا چاپلىدى، بىز بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمايمىز» دېدى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى شاڭخۇ كەنتىنىڭ ئاھالىسى، پۇقراۋى قونالغۇ تىجارەتچىسى تۇرسۇنئاي ئىبراھىم غەزەپلەنگەن ھالدا.

  تۇرسۇنئاي مۇنداق دېدى: مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن تۇرپاننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەنلىكىگە گۇۋاھ بولدۇم، يۇرتۇمنىڭ يىلدىن - يىلغا ياخشىلانغانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇم. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى ئىناق، مۇقىم بولدى، تۇرپانغا ساياھەتكە كېلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، نۇرغۇن دېھقان «ساياھەتچىلىكنىڭ تامىقى»نى يېدى، كىرىمى يىلدىن - يىلغا ئاشتى. «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن مەنپەئەتلىنىپ، ھازىرقى تۇرمۇشىمىز تىنچ، بەختلىك، لېكىن بەزىلەر <كىشىلىك ھوقۇق>نى دەستەك قىلىپ، پاكىتنى بۇرمىلىدى، بۇ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈگەنلىك بولماي نېمە!»

  «ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى> ئۇچىغا چىققان يالغانچىلىق.» بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى چىغان جىگدە يېزىسى سەكرەش كەنتىنىڭ ئاھالىسى جاناربېك كەكىن مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى، دېھقان - چارۋىچىلار ئازادە، يورۇق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، كەنتتە ئاسفالت يول ياسالدى، تۇرۇبا سۈيى تۇتاشتۇرۇلدى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى. «ئامېرىكا تەرەپ <كىشىلىك ھوقۇق> تونىغا ئورىنىۋېلىپ، شىنجاڭنى قالايمىقان قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز».

  «ئۇلار شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ شىنجاڭنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىكى مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشنى كۆرگەنمۇ؟ بۇنداق ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىش، پاكىتنى بۇرمىلاش قىلمىشى ئىنتايىن نومۇسسىزلىق، بىز بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايمىز.» ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى شىخۇا كوچا باشقارمىسى گۇاڭمىڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى مىجىت توختى مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەنلىكى، مۇقىملىقى قىل سىغمايدىغان پاكىت، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاشىلا قىلىشقا، جۇڭگونىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق يامان نىيەتتىكى ھىيلە - مىكىرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

  «خاتىرجەم ياشاش كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ چوڭ كاپالىتى»

  «شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىدا سۆزلەشكە بىز ئەڭ ھوقۇقلۇق. ھەر مىللەت ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار بۇ تۇپراقتا ناھايىتى تىنچ، خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، زوراۋان - تېررورچىلار، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر قالايمىقانچىلىق چىقارمىسىلا، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ» دېدى يوپۇغا ناھىيەسى ئەشمە بازىرى يىما كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرسۇنئەلى ئابدۇرۇسۇل.

  «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، تۇرسۇنئەلى كەپشەرلەش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ بىر سىلېسارلىق دۇكىنى ئاچتى. بۇ ئىككى يىلدا ھويلا - ئاراننى ئۆزگەرتىش، يېزا ھاجەتخانىلىرىنى ئۆزگەرتىش، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، سىلېسارلىق دۇكىنىنىڭ ئىشلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى، بۇ يىللىق ساپ كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يەتتى. «ئىلگىرى كەنتىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەر دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بەختلىك ئائىلىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانىدى. ھازىر جەمئىيەت مۇقىم بولدى، كىشىلەرنىڭ چېھرىدە كۈلكە كۆپەيدى، مانا بۇ بىز ئېرىشمەكچى بولغان بەختلىك تۇرمۇش» دېدى تۇرسۇنئەلى.

  «تەلىم - تەربىيە مەركىزى بولمىسا شىنجاڭنىڭ ھازىرقى خاتىرجەم كۈنلىرىمۇ بولمايتتى. ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى> پاكىتقا تامامەن خىلاپ، جەزمەن كىشىلەر كۆڭلىگە ياقمايدۇ. بىز ھەر قانداق كۈچنىڭ شىنجاڭنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز.» ئاقتۇ ناھىيەسى ئۈژمە يېزىسى قونىساق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قۇۋان توختى مۇنداق دېدى: مەن ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ قۇترىتىشىغا ئۇچراپ خاتا يولغا مېڭىپ قالغان كىشىلەرنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن روھلۇق بولۇپ قالغانلىقىنى، ئالغا باسقانلىقىنى، يەنە كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىش ئارقىلىق خىزمەت تېپىپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. «تەلىم - تەبىيە خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. بىز ھۆكۈمەت قوللانغان بىر قاتار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى چىن كۆڭلىمىزدىن قوللايمىز ۋە ھىمايە قىلىمىز، ھەرقانداق كىشىنىڭ تەستە قولغا كەلگەن ياخشى ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز».

  «ئاياغنىڭ پۇتقا دەل كەلگەن - كەلمىگەنلىكىنى كىيگەن ئادەملا بىلىدۇ. كۈنلىرىمىزنىڭ ياخشى ئۆتكەن - ئۆتمىگەنلىكى كۆڭلىمىزگە ئەڭ ئايان.» قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازىرى جايتېرەك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قەمەرنىسا ئابدۇمەمەت قاراقاش ناھىيەسى رۇيشىن ئاياغچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر تېخنىك ئىشچىسى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ پايدىسى بىلەن، ئائىلىمىزدە دېھقانچىلىق كىرىمىدىن سىرت، ئېرىم بىلەن ئىككىمىز يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق ئائىلىمىزنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردۇق، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى. «بۈگۈنكى كۈندە جەمئىيەت تىنچ، ھەممە ئادەم خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، مانا بۇ بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كاپالىتى، بىز ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ <كىشىلىك ھوقۇق>نى باھانە قىلىپ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز».

  «بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك»

  «بىز بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەپ، كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن گۈزەل يۇرت - ماكانىمىزنى قۇرۇپ چىقىپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كاشىلا قىلىدىغان قىلمىشلىرىغا قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىشىمىز كېرەك» دېدى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقتوقاي يېزىسى جىگدىلىك كەنتىدىكى بېيىش باشلامچىسى سالام ۋايىت.

  سالام ئىلگىرى نامرات ئاھالە ئىدى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇ باشلامچىلىق بىلەن باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، يەنە خۇنەنلىك دوستى لو چاۋجۈن بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆي جاھازلىرى زاۋۇتى قۇردى، سودىسى جانلىنىپ، 60 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. «مېنىڭ خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق دوستلىرىم بار، بىز ناھايىتى ئىناق ئۆتىمىز. كۆپچىلىك بىر ياقىدىن باش چىقارساقلا، چوقۇم تۇرمۇشىمىزنى بارغانسېرى ياخشىلىيالايمىز، يۇرتىمىزنى بارغانسېرى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز» دېدى سالام.

  «ھازىر شىنجاڭدا جەمئىيەت تىنچ، كېلىدىغان ساياھەتچىلەرمۇ كۆپەيدى، ئائىلىمىزنىڭ دېھقانلار ئارامگاھى سودىسىمۇ جانلىنىۋاتىدۇ.» 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى سەھەردە، بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازىرىنىڭ گىندىن يېڭى كەنتىدىكى كەنت ئاھالسى ما جىبىن ھويلىسىدىكى يىغىلىپ قالغان قارلارنى تازىلاپ، دېھقانلار ئارامگاھىنى ئېچىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلدى.

  ما جىبىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى مېۋە - كۆكتات ئۈزۈش باغچىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى سەيلە - ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىمەن. «مەن تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ يۆلىشىدە بېيىش يولىغا مېڭىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن ئىناق، مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قوغدايمەن» دېدى ما جىبىن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

  (مۇخبىرلىرىمىز لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇا، ۋاڭ دۇڭ، جاڭ جىلى، خەن چىنيەن، جاڭ تىڭ، جاڭ رۇيلىن، سۇڭ ياۋېن، خې لىڭ، پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز بەي يانەن يازغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ