مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بارلىق سەپسەتىلەرگە رەددىيە بېرىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا ماڭىمەن

2019.12.16 14:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ھامىدىن نىياز

  يېقىندا، ئامېرىكا جان - جەھلى بىلەن ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئويدۇرۇپ چىقاردى. مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى» پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ ئىناق - مۇقىم، گۈللەنگەن - تەرەققىي قىلغان، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاۋاتقان رېئاللىقىنى نەزەرگە ئالماي، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى بۇرمىلاپ، قارا چاپلاپ ۋە ئاساسسىز ئەيىبلەپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى، بۇ ئوچۇقتىن - ئوچۇق زومىگەرلىك قىلمىشى. 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئاپتونوم رايوننىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»گە كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بەردى. بىر پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»گە قەتئىي قارشى تۇرىمەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن.

  شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە ئەسلا كىشىلىك ھوقۇق، مىللەت، دىن مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. شىنجاڭ ئىلگىرى تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزم، بۆلگۈنچىلىك خەۋپىگە چوڭقۇر ئۇچرىدى. كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، شىنجاڭ قانۇن بويىچە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن بىللە مەنبەدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بەردى، بۇ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تەدبىرلەر شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى، يەر شارىۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغىمۇ پائال تۆھپە قوشتى.

  غەربتىكى بىر قىسىم تاراتقۇلار 2016 - يىلىدىن ھازىرغىچە، جۇڭگو شىنجاڭدا 20 نەچچە ئىسلام دىنى پائالىيەت سورۇنى قىسمەن ۋە پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلدى، دېدى. مەزكۇر ماقالىلەردە مۇشۇنى باھانە قىلىپ كۆپتۈرۈپ: «جۇڭگودىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر دىن جەھەتتە ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ» دېيىلدى. بۇ بىر قىسىم مەسئۇلىيەتسىز، ئەخلاق - پەزىلەتسىز مۇخبىرلارنىڭ قەستەن پاكىتنى بۇرمىلىغانلىقى، ئۇ يەر - بۇ يەردىن ئۈزۈۋېلىپ نەقىل كەلتۈرگەنلىكى. ئاشكارا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭدا 24 مىڭ 400 مەسچىت بار، تەخمىنەن ھەر 530 مۇسۇلمان ئاممىغا بىردىن مەسچىت توغرا كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز مەسچىتلەردە «يەتتىنى كىرگۈزۈش، ئىككى بولۇش» «توققۇزنى سەپلەش»نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنىي پائالىيەت شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ چوڭقۇر ھىمايىسىگە ئېرىشتۇق.

  «دىن»نى دەستەك قىلىپ شىنجاڭنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلىش غەربتىكى بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ ئىزچىل قوللىنىۋاتقان ۋاسىتىسى. ھالبۇكى ئەمەلىيەت شۇكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى جۇڭگونىڭ بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك ئاساسىي سىياسىتى. ئاساسىي قانۇن ۋە مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنى قاتارلىقلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىندى ۋە قوغدالدى. شىنجاڭ «قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش» پىرىنسىپى بويىچە، قانۇن بويىچە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە نورمال دىنىي پائالىيىتىگە كاپالەتلىك قىلدى. قانۇن بويىچە پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە مۇھىم ئىپادىسى بولۇپ كەلدى. 2017 - يىلى 6 - ئايدا گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار تولۇق بايان قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى ۋە ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئەھۋالى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غەربتىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە قارىتا تۈرلۈك قارا چاپلاشنى ئەزەلدىن توختاتمىدى، «شىنجاڭ مەسىلىسى»دىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇشنى ئەزەلدىن توختاتمىدى، «جۇڭگو تەھدىتى سەپسەتىسى» «جۇڭگو گۇمران بولىدۇ سەپسەتىسى» داۋرىڭىنى ئەزەلدىن توختاتمىدى، بىز كۈچلۈك ئەيىبلەش ۋە كەسكىن رەددىيە بېرىش بىلەن بىللە، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا تېخىمۇ قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز كېرەك. مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي سىياسىي تۈزۈملىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە تۈزۈم كاپالىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىسى بولۇپ، «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيدىغان، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان روشەن ئەۋزەللىك»نى مەركەزلىك نامايان قىلدى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى تولۇق كاپالەتلەندۈردى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈزۈم جەھەتتىن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھازىر شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولدى، بۇ، پارتىيەنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

  جۇڭگو پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن زىممەمدىكى مۇھىم، زور مەسئۇلىيەتنى چوڭقۇر تونۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىم، پۇقرالىق ئېڭىمنى كۈچەيتىپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىش ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈپ، بارلىق بىمەنە سەپسەتىلەرگە رەددىيە بېرىپ، بارلىق تاشقى كۈچلەرنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئىتتىپاق، مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ