مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەن ئىشچى بولۇش ئارزۇيۇمغا يەتتىم

2019.12.16 14:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  خوتەن ناھىيەلىك تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى سوپۇر ئابلىز

  مېنىڭ ئىسىم سوپۇر ئابلىز، بۇ يىل 24 ياش، ئۆيۈم خوتەن ناھىيەسىنىڭ لاڭرۇ يېزىسى پۇجى كەنتىدە. پۇجى كەنتى كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، يازدا بۇ يەردە سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ، ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرىدۇ، ئاسمىنى كۆپكۆك، ھاۋاسى ساپ بولۇپ، يىراقتىكى كوئېنلۇن تېغى ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان. مەن كىچىكىمدىن تارتىپ مۇشۇ يەردە چوڭ بولغان، مەن يۇرتۇمنى قىزغىن سۆيىمەن.

  ھازىر مېنىڭ كەيپىياتىم ئىنتايىن ياخشى، چۈنكى مەن دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندىم، مۇقىم خىزمىتىم، مۇقىم كىرىمىم بار بولدى، بۇنىڭ بىلەن مەن قۇرداشلىرىم ئارىسىدا ئۆزۈمنى خېلىلا ئابرۇيلۇق بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.

  مۇشۇ يىللاردىكى كەچۈرمىشلىرىمنى ئەسلىسەم، ئۆزۈمنى خۇددى چۈش كۆرگەندەك ھېس قىلىمەن. مەن كۆپچىلىككە ئۆزۈمنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرەي.

  كىچىك چاغلىرىمدا «بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ» دېگەن داۋلىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتتىم، مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى زورىغا «ئەپلەپ - سەپلەپ» ئوقۇپ تۈگەتتىم. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، مەن دەرس ۋاقتىدا يا ئۇخلايتتىم، يا پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇراتتىم، بەئەينى كۆپ ھەرىكەت قىلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا ئوخشاش ئۇششاق ھەرىكەتلىرىم تۈگىمەيتتى. ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئۆيدىكىلەرنىڭ تېخىمۇ بېشىنى ئاغرىتىدىغىنى، مەن دائىم ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئۇرۇشاتتىم، دەرستىن قېچىپ باشقا جايلارغا بېرىپ كەلسە - كەلمەس بالىلار بىلەن ئوينايتتىم، ئوقۇتقۇچىلار تەنقىدلەپ تەربىيە بەرسە ئاڭلىمايتتىم، ئاتا - ئانامنىڭ گېپى تېخىمۇ قۇلىقىمغا كىرمەيتتى. يەنە كېلىپ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملاندىم، مەن ئۆگىنىشنى ئېغىر يۈك دەپ ھېسابلايتتىم، نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم، ھەتتا ئاتا - ئانام، ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ مېنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىشىدىن ئىنتايىن بىزار بولاتتىم.

  تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەن بىرەر ئىش تېپىپ قىلماقچى بولدۇم. مېنىڭ دەسلەپكى نىشانىم زاۋۇتتا ئىشلەش ئىدى، مەن خىزمەت ئىزدەپ بارغاندا، ئەھۋالىمنى بىلگەن زاۋۇتلارنىڭ ھەممىسى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن مېنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى. كېيىنچە مەن بىر خوجايىنغا ئەگىشىپ بېزەكچىلىك قىلىدىغان ئىش تاپتىم. ئەينى چاغدا مېنىڭ يا تەجرىبەم، يا تېخنىكام بولمىغاچقا، ئىشنى شاگىرتلىقتىن باشلاپ قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. دەل شۇ چاغدا، بىللە ئىشلەيدىغان بىرنەچچەيلەن ماڭا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە ئائىت بەزى گەپ - سۆزلەرنى دائىم قىلىپ بېرەتتى، ماڭا يەنە قانداق ئادەم ئۆلتۈرۈش، پارتلىتىش بۇيۇملىرىنى قانداق ياساش توغرىسىدىكى بەزى سىن فىلىملىرىنى كۆرسەتتى، مەن سىن فىلىملىرىدىكى ئاشۇ كىشىلەرنىڭ «ئادەم ئۆلتۈرۈپ شېھىت بولغاندىن كېيىن جەننەتكە كىرەلەيدىغانلىقى»غا ئىنتايىن ھەۋەس قىلدىم. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، مېنىڭ ئىشلەشكە رايىم بارمىدى، ناھايىتى تېزلا بېزەكچىلىك خىزمىتىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدىم. ئەگەر مۇشۇنداق كېتىۋەرسەم، ئاقىۋەتنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. بەختكە يارىشا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مېنى بۇ يولدىن ۋاقتىدا قايتۇرۇپ كەلدى، مەن كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كىرىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىپ كاللامدىكى ئەسەبىي ئىدىيەنى چىقىرىپ تاشلىدىم.

  ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئىلگىرى قانۇندىن قىلچە ساۋاتىم بولمىغان مەن نۇرغۇن قانۇن - نىزام بىلىملىرىنى بىلىۋالدىم، نېمىنىڭ قانۇنلۇق، نېمىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم؛ نېمىنىڭ قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەت، نېمىنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. مېنىڭ ھەق - ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىممۇ ئۆستى، يەنە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىپ، ئادەتتە دۆلەت ئورتاق تىلىدا پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدۇم. مېنىڭ كىچىكىمدىن تارتىپلا زاۋۇتقا كىرىپ ئىشچى بولۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى، شۇڭا تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە موزدۇزلۇق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشنى تاللىدىم.

  تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، مەن ناھايىتى تېزلا شۇ جايدىكى بىر ئاياغ زاۋۇتى بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىدىم. ئىلگىرى كەنتىمىزدە پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرلا زاۋۇتقا كىرىپ ئىشلەپ، مائاش ئالاتتى، كەنتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا ناھايىتى ھەۋەس قىلاتتى. بۈگۈنكى كۈندە، مەنمۇ زاۋۇتقا كىردىم، ئازادە، يورۇق، رەتلىك سېختا ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان خىزمەتنى قىلىۋاتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىرىمىممۇ تۆۋەن ئەمەس.

  ئىشچى بولغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنى تۈگىمەس كۈچكە تولغاندەك ھېس قىلدىم. مېنى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى شۇكى، كىرىمىم مۇقىم بولدى، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىمۇ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى. ئاتا - ئاناممۇ مېنىڭ ئاخىر ياراملىق ئادەم بولغانلىقىمدىن خۇشال بولدى. ئىلگىرىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مېنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشۇم ھەقىقىي تۇرمۇش، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ماڭا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بەرگەن، مەن مەڭگۈ پارتىيەگە، ھۆكۈمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ