خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتىنىڭ 2-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ئىلھام ئابلەت قانۇن- ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا.
ئىلھام ئابلەتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ئىلھام ئابلەت، ئەر، ئۇيغۇر، شىنجاڭ ئاتۇشتىن، 1961-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان، 1984-يىلى 12-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1994-يىلى 2-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
1984-يىلى 12-ئايدىن 1988-يىلى 8- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ كادىرى بولغان؛
1988-يىلى 8-ئايدىن 1991-يىلى 3- ئايغىچە قاتناش نازارىتى كادىرلار- قوغداش باشقارمىسىنىڭ كادىرى بولغان؛
1991-يىلى 3-ئايدىن 1994-يىلى 3- ئايغىچە قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس خادىمى بولغان؛
1994-يىلى 3-ئايدىن 1997-يىلى 2- ئايغىچە قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى ئەمگەك-مائاش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛
1997-يىلى 2-ئايدىن 2001-يىلى 4- ئايغىچە شىنجاڭ قاتناش تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛
2001-يىلى 4-ئايدىن 2003-يىلى 5- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى تەشكىلات-كادىرلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛
2003-يىلى 5-ئايدىن 2006-يىلى 4- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش قۇرۇلۇشى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛
2006-يىلى 4-ئايدىن 2015-يىلى 11- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛
2015-يىلى 11-ئايدىن 2019-يىلى 2- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛
2019-يىلى 2-ئايدىن 2019-يىلى 6- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش– تىرانسپورت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى بولغان؛
2019-يىلى 6-ئايدىن ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ 2-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى بولغان.
(شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى