مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، تۇرمۇش خاتىرجەم بولدى

2019.12.12 15:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچلىرىدە يىللىق نىشان مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندالدى

  مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، تۇرمۇش خاتىرجەم بولدى

  مۇخبىرىمىز لى چۇنشيا

  «خوتۇنۇم بىلەن ئىككىمىز بۇ يەردە ئىشلەيمىز، ئايدا 5000 - 4000 يۈەن كىرىم قىلىمىز، ئۆيىمىزنى بېزىۋالدۇق، ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى بار بولدى، كېيىنكى قەدەمدە مەن شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىپ، ئاپتوموبىل سېتىۋالماقچى بولۇۋاتىمەن.» 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاقسۇ ليەنفا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىمى ئەكرەم تۇرسۇننىڭ سۆزلىرىدىن كەلگۈسى بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچلىرىدە يىللىق نىشان - ۋەزىپىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندىدى. «مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»نىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئەمگەكچى ئەكرەمگە ئوخشاش مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كۈنلىرى ئۈمىدكە تولدى.

  ئالدىن مۆلچەرلىگەن نىشان نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى

  بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتى قانداق بولدى؟ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن كەلگەن بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات بۇنىڭغا جاۋاب بەردى:

  يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا قاراش − 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردا 478 مىڭ 900 ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.25 ئېشىپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %106.43ى ئورۇندالغان؛ شەھەر - بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلاردىن 48 مىڭ 300 ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %120.75ى ئورۇندالغان.

  يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قاراش − يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 2 مىليون 860 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.51 ئېشىپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %105.93ى ئورۇندالغان. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا قاراش − ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق مۇشۇ قاراردا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %87.64 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.75 ئېشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىملىق ئاساسىدا ئاشقان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىسى ما جيەنيۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا ياردەم بېرىش - يۆلەشتە پۇختا، ئەمەلىي ئىشلىگەن: بىر تەرەپتىن، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى، ئاساسىي قاتلامدا ئۆسۈپ يېتىلىش پىلانى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ يول، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەرگەن؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارغا «بىرگە بىر» ياردەم بېرىش - يۆلەش ۋە «ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى 24 سائەت ئىچىدە ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈش» خىزمەت مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، «بىر ئادەمگە بىر تەدبىر قوللىنىش»تا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت، ئىش ئورنى ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئادەمگىچە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

  «ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ئېلىپ كەلگەن پايدا سىجىل قويۇپ بېرىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشكە پۇختا ئاساس سېلىندى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمى سىجىل كېڭىيىپ، ئاساسلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچلىرىدە يىللىق نىشان - ۋەزىپە مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى» دېدى ما جيەنيۈن.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرى ئومۇميۈزلۈك كۈچىدى

  «گۇرۇھىمىزدا ھازىر 108 مىڭ خىزمەتچى بار، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشىدىنلا يىلدا ئادەم كۈچى چىقىمىدىن 85 مىليون 180 مىڭ يۈەن تېجىگىلى بولىدۇ» دېدى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى شىنجاڭ گۇاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى سۈن لىڭيۈن مۇخبىرغا.

  مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنىڭ تۆۋەنلىتىلگەنلىكى شۇلارنىڭ بىرى. بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايون ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، 10 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كارخانىلارنىڭ 4 مىليارد 885 مىليون يۈەن يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى خادىملار قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇرۇشى، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشى قاتارلىقلاردا ھەقىقىي رول ئوينىدى.

  «تېجەپ قېلىنغان 85 مىليون 180 مىڭ يۈەن ئەگەر ئادەتتىكى خادىم تەكلىپ قىلىشقا ئىشلىتىلسە، ھەر بىر ئادەمنىڭ يىللىق مائاشىنى 65 مىڭ يۈەن بويىچە مۆلچەرلەپ ھېسابلىغاندا، 1300دىن ئارتۇق ئادەمنى كۆپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ» دېدى سۈن لىڭيۈن.

  2019 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىلى» پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسەتلىرى ۋە مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، سىياسەت تىزىملىكى، مۇلازىمەت تىزىملىكى ۋە بېجىرگۈچى ئاپپاراتلارنىڭ تىزىملىكىنى شەكىللەندۈرۈپ جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىر - بىرلەپ ياخشى تۇتتى. 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىما مەبلىغىدىن 2 مىليارد 234 مىليون يۈەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 613 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى.

  كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئارقىلىق كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە «قوغداش ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇپ، قانۇن بويىچە سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرغان، خادىم قىسقارتمىغان، خادىمنى ئاز قىسقارتقان بارلىق كارخانىلارغا قارىتا، كارخانىلار ئەمەلىي تاپشۇرغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %50ى بويىچە (جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست %60كىچە ئۆستۈردى) ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى تارقىتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى. 10 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جەمئىي 512 مىليون يۈەن ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى تارقىتىلىپ، 13 مىڭ 500 كارخانىدىكى 1 مىليون 496 مىڭ 700 ئىشچى - خىزمەتچىگە نەپ يەتكۈزۈلدى.

  بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشسا پۈتۈن ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ

  «زاۋۇت كەنتىمىزدىلا قۇرۇلدى، مەن ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتىم، ئايدا 2000 يۈەنگە يېقىن پۇل تاپالايمەن، ئالدىنقى ئايدا تېخى گۇرۇپپا باشلىقى بولدۇم. ياخشى ئىشلىسەملا، بۇنىڭدىن كېيىن مائاشىم يەنە ئۆسىدۇ» دېدى 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى شىنجاڭ ۋېيمىڭ ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىمى دىلنۇر ئىمىن كۈلۈپ تۇرۇپ.

  شىنجاڭ ۋېيمىڭ ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بۇ يىل 2 - ئايدا يەكەن ناھىيەسىنىڭ چارەك بازىرى سايلەڭگەر كەنتىگە ماكانلاشقان. دىلنۇر ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە، شۇنداقلا بۇ شىركەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى خادىمى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمى بار بولدى، ئائىلىسىنىڭ كۈنلىرى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىپ كەتتى، ئۇنىڭ چىرايىدىكى كۈلكىمۇ كۈندىن - كۈنگە كۆپەيدى.

  «شىركىتىمىز سايلەڭگەر كەنتى ۋە ئەتراپتىكى كەنتلەردىن جەمئىي 500دىن ئارتۇق ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.» شىنجاڭ ۋېيمىڭ ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ خەي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شىركەتنىڭ نۆۋەتتە زاكازلىرى تولۇق، يەنە خادىم تەكلىپ قىلىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرىمىز. چارەك بازىرىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كەنتلەردە قۇرۇلغان ئەمگەك كۆجۈملەشكەن زاۋۇتتىن تۆتى بار بولۇپ، 1500دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشسا پۈتۈن ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنىڭ يۆلىشى بىلەن، بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى بارغانسېرى كۆپلىگەن ئەمگەك كۈچى ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش، رايون ھالقىپ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 75 مىڭ 933 ئەمگەك كۈچى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %189.8ى ئورۇندالغان.

  «بىز ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ماھارەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىناتنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا ئاساسقا، كىرىمنى ئاشۇرۇشتا ئۈمىدكە ئىگە قىلىپ، تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لى خۇڭۋۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ