مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى

2019.12.11 16:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  خوتەن ناھىيەلىك تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى ئېزىز تۇرسۇنتوختى

  مېنىڭ ئىسمىم ئېزىز تۇرسۇنتوختى، خوتەن ناھىيەسىدىكى بىر دېھقان، گۈزەل يۇرۇڭقاش دەرياسى كەنتىمىزنىڭ يېنىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ.

  كىچىك ۋاقتىمدا، ئۆگىنىش نەتىجەم بەك ناچار ئىدى، ھەتتا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىدا ئىسمىمنىمۇ يازالمايتتىم. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىم بولمىغاچقا، كۆپ ۋاقىتتا نادانلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزدۈم، يازدا ئاتا - ئانام بىلەن يەر تېرىپ، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى مەزگىلىدە ھەممە يەردە لاغايلاپ يۈردۈم.

  بىر مەزگىل «ئۈچ خىل كۈچ» ھەر خىل رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى ھە دەپ تارقاتتى؛ «مۇسۇلمانچە» ئۇقۇمىنى كېڭەيتىپ، يېمەكلىككىلا ئەمەس، بەلكى يەنە دورا بۇيۇملىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، كىيىم - كېچەك قاتارلىق بۇيۇملارغىمۇ مۇسۇلمانچە بەلگىسىنى چاپلىدى. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، يولدىن ئادىشىپ قالغان ئادەمگە ئوخشاپ قالدىم. لېكىن خۇشاللىنارلىقى شۇكى، 2017 - يىلىنىڭ بېشىدا، مەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كېلىپ ئۆگەندىم، بۇ مۇتلەقكى ھاياتىمدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.

  تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كىرگەندىن كېيىن، شارائىتنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ ھەقسىز ئىكەنلىكىنى، ياتاق ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ھەقسىز ئىكەنلىكىنى، داۋالاشنىڭمۇ ھەقسىز ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ئەگەر تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىساق، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزگە ۋاقتىدا ياردەم قىلىپ ھەل قىلىپ بەردى، ئائىلىمىزگىمۇ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ئىنتايىن قىزغىن، سەمىمىي بولۇپ، ئۇلار بىزگە ھەر تەرەپلىمە كۆڭۈل بۆلدى، غەمخورلۇق قىلدى، ئائىلىمىزدىكىلەرگە ئوخشاش ھالىمىزدىن خەۋەر ئالدى.

  مەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىۋالدىم، ھازىر دوستلىرىم بىلەن دۆلەت ئورتاق تىلىدا راۋان سۆزلىشەلەيمەن؛ نۇرغۇن قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ھەق - ناھەقنى ئايرىش ئىقتىدارىمنى ئاشۇردۇم؛ يەنە ئاياغ تىكىش ماھارىتىنى ئىگىلەپ، تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن بىر ئاياغ زاۋۇتىغا ئوڭۇشلۇق ئىشقا چۈشۈپ، ئەمگەك توختامى ئىمزالاپ، مۇقىم خىزمەت ۋە كىرىمگە ئىگە بولدۇم. ماڭا ئوخشاش مەكتەپتە تۈزۈك ئوقۇمىغان بىر ئادەمنىڭ مۇنداق كۆپ بىلىم ئىگىلەش پۇرسىتىگە، بۇنداق ياخشى خىزمەتكە ئېرىشىشىنى ئىلگىرى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدىم. ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىم مەندىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدى.

  ھازىر، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ناھايىتى كۆپ، شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى «ئىككى كەچۈرۈم، بىر ياردەم» ئارقىلىق، بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشى كاپالەتكە ئىگە بولدى؛ يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، دېھقان - چارۋىچىلار كېسەل كۆرسىتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدى؛ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، ئائىلىمىز بۇلتۇر يېڭى ئۆي سېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئېرىشتى.

  پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە قىلغان ياردىمى ناھايىتى كۆپ، ئۈچ كېچە - كۈندۈز سۆزلىسەممۇ تۈگىمەيدۇ. ماڭا ئوخشاش پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشكەن كىشىلەر يەنە ناھايىتى كۆپ. مەن ياشاۋاتقان كەنتتە، بۇ نەچچە يىلدا ئاپتونوم رايون ئىزچىل كادىرلارنى كەنتتە تۇرۇشقا ئەۋەتىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، كەنتتە تۇرۇشلۇق بۇ كادىرلار ئۆز ئۆيىدىن ئايرىلىپ، كەنتتە يېتىپ - قوپۇپ، كەنتتىكى يول ياساش، ئۆستەڭ چېپىش، قۇدۇق قېزىش، ئۆي سېلىشلارغا ياردەم بېرىپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، يەنە كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ كەنتتە زاۋۇت قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېقىن ئەتراپتا خىزمەت قىلىش، كىرىم قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەر بارغانسېرى ئازايدى. بۇنىڭدىن مەن مۇنداق بىر داۋلىنى چوڭقۇر چۈشەندىم: ھازىرقى ياخشى كۈنلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قولغا كەلگەن، بىز چوقۇم پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك.

  مەن يەنە شۇنى ئېنىق بىلىمەنكى، جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. شىنجاڭ رايونى ھەم شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ماكانى، ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق ماكانىنىڭ تەركىبىي قىسمى. ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، تۇرمۇشىمىز كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىدۇ.

  بەختلىك تۇرمۇش تەستە قولغا كەلگەن، مەن چوقۇم ھەسسىلەپ قەدىرلەيمەن. «ئۈچ خىل كۈچ» بىزنىڭ ھازىرقى بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا پېتىنىدىكەن، مەن بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمايمەن، مەن چوقۇم ئۇلارغا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ