مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سانجى شەھىرى: «تۆت كىچىك مۇلازىمەت» ئارقىلىق «خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش»قا تۈرتكە بولۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى

2019.12.10 16:34 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزىتىشنى تۇتۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر

  مۇخبىرىمىز جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز جۇ لىجۈن، چېن خۇي

  2 - تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، سانجى شەھىرى دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «2+8» مەخسۇس تۈزەشنى ياخشى تۇتۇش، «3+3+1» ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىشنى چۆرىدەپ، كىچىك تىزىملىككە ياخشى خاتىرىلەش، ئاممىنى كىچىك قولايلىقلار بىلەن تەمىنلەش، كىچىك ئىشلارنى ياخشى قىلىش، كىچىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم مەزمۇن قىلغان «تۆت كىچىك مۇلازىمەت» پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، «كىچىك مۇلازىمەت» ئارقىلىق ئاممىنىڭ «چوڭ خەلق تۇرمۇشى»غا مۇلازىمەت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەڭ جىددىي، ئەڭ ئەندىشە قىلىۋاتقان، ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان تەخىرسىز مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى.

  11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، سانجى شەھەرلىك باغچە باشقۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ كادىرى دۇڭ بىنشېڭ سانجى شەھىرى جۇڭشەن يولى كوچىسى مياۋپۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ما لىپىڭنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، قوشماقلاشقان تۇغقىنى ما لىپىڭنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە تۇرمۇشىدىكى كونكرېت قىيىنچىلىقلىرىنى سورىدى.

  ما لىپىڭنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى، زىققا، يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كۆپ خىل كېسىلى بار بولۇپ، دۇڭ بىنشېڭ ما لىپىڭ ئائىلىسىنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى «قەلبداشلىق تىزىملىكى»گە خاتىرىلىدى. ما لىپىڭ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «دۇڭ بىنشېڭ مېنىڭ بىر تۇغقان ئاكا - ئۇكىلىرىمدىنمۇ يېقىن، ئائىلەمنىڭ ئەھۋالىنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدۇ. قىيىنچىلىققا يولۇقسام، كېلىپ ماڭا ياردەم بېرىدۇ. مېنىڭ زىققا كېسىلىم قوزغىلىپ قالغاندا، ئۇ مېنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى ھەم ھالىمدىن خەۋەر ئالدى. ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ دائىم ئۆيۈمگە كېلىپ ماڭا تاماق ئېتىشىپ بېرىدۇ، ئۆيۈمنى يىغىشتۇرۇشۇپ بېرىدۇ، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ قالدۇق».

  باش تېما تەربىيەسىدە، سانجى شەھىرى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنىڭ تۈزۈملىشىشى، دائىملىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، شەكىل، ۋاسىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، «تۇغقانلارنى يوقلاپ قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «قەلبداشلىق تىزىملىكى»نى ياخشى خاتىرىلەپ، ئاھالىلەرنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىش، قىيىن ئىشلىرى، خۇشاللىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ «خەلق ئەھۋالى كۈندىلىك خاتىرىسى»نى ياخشى يېزىپ، دېھقان ئائىلىلىرى ۋە ئاھالىلەرنىڭ قىيىنچىلىقى، دەۋا تەلىپىنى يىغدى، رەتلىدى؛ «مەسىلە تىزىملىكى»نى ياخشى خاتىرىلەپ، بىر ئائىلىگە بىر كارتا، بىر ئائىلىگە بىر تىزىملىك تۇرغۇزدى. ھازىرغا قەدەر، سانجى شەھىرى جەمئىي 100 مىڭدىن ئارتۇق «قەلبداشلىق تىزىملىكى»، 7600دىن ئارتۇق «خەلق ئەھۋالى كۈندىلىك خاتىرىسى» تۇرغۇزدى.

  11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، سانجى شەھىرى نىڭبيەن يولى كوچا باشقارمىسى نىڭخې مەھەللىسىنىڭ كادىرى «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاۋانگارتلار ھەرىكىتى، قەلبلەرنى ئىللىتىش، ئۇۋا سېلىپ مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش» قەلبداشلىق كارتىسىنى ئېلىپ، مەھەللە ئاھالىسى ليۇ فېڭيۈننىڭ ئۆيىگە كەلدى. ياشىنىپ قالغان، بالىلىرى يىل بويى يېنىدا تۇرمايدىغان ليۇ فېڭيۈن ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى قەلبداشلىق كارتىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، كۆڭلى ناھايىتى ئىللىدى.

  باش تېما تەربىيەسىدە، سانجى شەھىرى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە خەلققە قولاي قەلبداشلىق كارتىسى تەسىس قىلىپ، ئاممىغا كىچىك قولايلىقلارنى يارىتىپ بەردى. بىر پارچە كارتىغا مەھەللىنىڭ ئادرېسى، ئىشخانىنىڭ تېلېفون نومۇرى، QQ توپى، ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى ھەمدە كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئىشلىتىلىدىغان مۈلۈك باشقۇرۇش، پار، سۇ، توك بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق مۇلازىمەت تېلېفون نومۇرلىرى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. ھازىرغا قەدەر، سانجى شەھىرىدىكى 70 مەھەللە جەمئىي 50 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق قەلبداشلىق كارتىسى تارقاتتى، تۈرلۈك مۇلازىمەت سۇپىسىدىن 125نى قۇردى.

  كىچىك ئىشلارنى ياخشى قىلىش جەھەتتە، سانجى شەھىرى ھەرقايسى كوچا، مەھەللىلەردە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت زالى تەسىس قىلىپ، كەسپىي ئىقتىدارى كۈچلۈك، تۈرلۈك خىزمەت تەرتىپلىرىگە پىششىق زاپاس كادىرلارنى تاللاپ «ھەممە ئىش ئورۇنلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۈگۈن» قىلىپ، «بىر بېكەت شەكلى»دىكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمەت خىزمىتىنى پۈتۈن مەزگىللىك قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

  كىچىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە، سانجى شەھىرى باش تېما تەربىيەسى بىلەن خىزمەت ئەمەلىيىتىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، «كوچا تالون ئەۋەتىش، تارماقلار تالوننى تاپشۇرۇۋېلىش» خىزمەت مېخانىزمىنى ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ۋە سۇ، توك، پار قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، تەدبىرنى، مەسئۇل كىشىنى ۋە تاماملاش قەرەلىنى ئايدىڭلاشتۇردى. باسقۇچ خاراكتېرلىك تاماملاش ئەھۋالىنى قەرەلسىز تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئاممىنىڭ باھاسى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى تەكشۈردى.

  سانجى شەھەرلىك باش تېما تەربىيەسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما جەنلياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سانجى شەھىرى ھەربىر كوچىغا تۆت نەپەر شەھەر باشقۇرۇش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ كادىرىنى ئەۋەتىپ، مۇھىت ئاسراش، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، سەھىيە - ساغلاملىق، مائارىپ قاتارلىق تارماقلاردىن بىردىن ئۈچكىچە كادىرنى تاللاپ مەخسۇس خادىم سۈپىتىدە نۇقتىنى ھۆددىگە ئېلىشقا، كوچا بىلەن ئالاقىلىشىشكە ئەۋەتىپ، كوچا، تارماقلار ئاھالىلەرنىڭ دەۋا تەلىپىنى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىدىغان يېڭى يول ئېچىپ، «توردا تالون ئەۋەتىپ مەسىلىلەرنى بايقاش، تور سىرتىدا تالون تاپشۇرۇۋېلىپ خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش»تەك مۇلازىمەت مېخانىزمىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئامما يولۇققان ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلار، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلار، غەم قىلىۋاتقان ئىشلارنى بېجىرىدىغان ئادەم بولۇش، دەرھال بېجىرىش، ياخشى بېجىرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، ھازىرغىچە جەمئىي 1002 تالون ئەۋەتىلدى، بۇنىڭ 974ى بېجىرىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ