مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقىغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن

2019.12.06 16:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس مېھرىگۈل بەردى

  ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى نەزەرگە ئالماي، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاق، ئىناق بولغان، خاتىرجەم ياشاۋاتقان ئوبيېكتىپ پاكىتنى نەزەرگە ئالماي، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئاساسسىز ئەيىبلەپ ۋە ئۇنىڭغا خالىغانچە قارا چاپلاپ، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلدى، ئۇ جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە قارىتا بىر تەرەپلىمە قاراشقا تولغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يوققا چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىنى نەزەرگە ئالماي، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ قىلچە تۆۋەن چېكى يوق «قوش ئۆلچەم»ى ۋە ساختا، بەتبەشىرە زومىگەرلىك لوگىكىسىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. پارتىيەنىڭ كۆپ يىللىق تەربىيەسىنى ئالغان ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن قەتئىي قارشى تۇرىمەن ۋە كۈچلۈك ئەيىبلەيمەن ھەم ئىنتايىن غەزەپلىنىمەن، مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ، جۇڭگوغا قارشى ھەرقانداق كۈچنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خالىغانچە يوققا چىقىرىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى توسىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ.

  شىنجاڭ ئىشلىرىدا، ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق. مەن كېرىيە ناھىيەسىدە تۇغۇلدۇم، خوتەندە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە بىر قانچە قېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىنى باشتىن كەچۈردۈم، بۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ ھەممىسى ھەر مىللەت ئاممىغا بالايىئاپەت ئېلىپ كەلدى، نۇرغۇن ئۇيغۇر ياش دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچراپ، ھاياتىدىن ئايرىلىپ «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ توپ يېمى بولدى، نۇرغۇن قىزنىڭ ئەسلىدە ئۆزىگە تەۋە شانلىق كىشىلىك تۇرمۇشى ۋە پارلاق ئىستىقبالى بولسا بولاتتى، لېكىن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ، ئىستىقبالى نابۇت بولدى، بۇلارنى كۆرۈپ مەن چەكسىز ئېچىندىم.

  بىر مەزگىلدە، شىنجاڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ خەۋپىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى، شىنجاڭدا كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىش زوراۋانلىق، تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تەرىپىدىن «كاللىسى يۇيۇلغان» كىشىلەرنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ، قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈندۇر. شىنجاڭ قانۇن بويىچە بىر قاتار ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللانغاندىن بۇيان، ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈز بەرمىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدا قانات يايدۇرۇلغان تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى دۆلەتنىڭ قانۇنچىللىق روھىغا ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى ئەڭ زور چەكتە كاپالەتكە ئىگە بولدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇش جەريانىدا، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىناق ئۆتىدىغان دىنلار مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈردى، راۋاجلاندۇردى ۋە مۇستەھكەملىدى. نۆۋەتتىكى شىنجاڭدا ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلىپ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، دىنلار ئىناق، رايىش بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا. بولۇپمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، شىنجاڭنىڭ ئامانلىق ئەھۋالى روشەن ياخشىلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتىغا بولغان سەمىمىي ئارزۇسى قاندۇرۇلدى، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىگە كاپالەتلىك قىلىندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ روھىي قىياپىتى يېڭىلىنىپ، ساپاسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەس بولدى. بولۇپمۇ، كەنتتە تۇرغان يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، قەشقەرنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئىچكىرى رايونلاردىن ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەنلىكىنى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىۋاتقانلىقىنى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يېزىلاردا مائارىپ، داۋالاش، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى سىياسەتلىرى ئەمەلىيلىشىپ، سىياسەت، قانۇنچىللىق، ساغلاملىق قاتارلىق تۈرلۈك لېكسىيەلەرنىڭ يېتەكلىشىدە، پۇقرالار دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلاندى، روھىي قىياپىتى كۈنسېرى ياخشىلىنىپ، تۇرمۇش بەخت كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. بۇ بارلىق ئۆزگىرىش باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ ياردەم بېرىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى، بىز ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىشىمىزدىن، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشىمىزدىن، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشىمىزدىن، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىزدىن ئايرىلالمايدۇ، بىز ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىغانلىقىمىزدىن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭغانلىقىمىزدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلىرى تامامەن توغرا بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشى ۋە چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.

  ھالبۇكى كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغىنى شۇكى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى شىنجاڭنىڭ قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە تېررورىزمغا زەربە بېرىشتىكى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىكى تىرىشچانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپلا قالماي، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپلا قالماي، ئەكسىچە ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللاپ «ئۈچ خىل كۈچ»كە يانتاياق بولۇش ۋە يەل بېرىشكە ئۇرۇندى، بۇ ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ۋە جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى»دىن پايدىلىنىپ دۆلىتىمىزنى توسۇش، پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك رەزىل غەرىزىنى تولۇق ئاشكارىلىدى.

  ئۇيغۇر پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش بىرىنچى ئورۇندىكى تەلەپ. مەن قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيەگە سادىق بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە تۆۋەن چەك، قىزىل سىزىق ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باشتىن - ئاخىر بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولۇش، ھەرگىز مۈجمەل گەپ قىلماسلىق، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «كىشىلىك ھوقۇق»نى دەستەك قىلىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان قىلمىشلارغا قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن، جۇڭگوغا تۆھمەت قىلىدىغان، قارا چاپلايدىغان، شىنجاڭنى پارچىلايدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن، ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، زەربىدار بولۇپ، قورقماي، چېكىنمەي، تىرىشىپ پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە ئۆزۈمنى بېغىشلايمەن، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن.

  ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولىمەن؛ بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولىمەن؛ ئۆز ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە سىياسىتىنىڭ تەشۋىقاتچىلىرىدىن بولىمەن.

  شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى توسىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست جەزمەن مەغلۇپ بولۇش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدا، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ