مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«مېھرى ئىللىق 2020» − نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە يۇغۇرما تاراتقۇلارنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش پائالىيىتى بۈگۈن باشلاندى

2019.12.06 16:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  2020 - يىلىنىڭ قەدەملىرى بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاتاكىغا ئۆتۈش باسقۇچىغا كىردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشتا، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى قوزغاپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەشكە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، گېزىتىمىز «شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرى بىلەن بىرلىكتە «مېھرى ئىللىق 2020» − نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە يۇغۇرما تاراتقۇلارنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش خىزمەت نەتىجىلىرى، يارقىن نۇقتىلىرى، تەجرىبە - ئىزدىنىشلىرىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ. بۈگۈندىن باشلاپ، گېزىتىمىز «مېھرى ئىللىق 2020» مەخسۇس ئىستونى ئاچتى، نەزەر سالغايسىلەر.

  گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى رېن چۇنشياڭ خەۋەر قىلىدۇ: مېھىر - مۇھەببەت بىلەن قەلبنى ئىللىتىش، قەلبلەر ئارقىلىق كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈش. «مېھرى ئىللىق 2020» − نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە يۇغۇرما تاراتقۇلارنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش پائالىيىتى بۈگۈن رەسمىي باشلاندى.

  بۇ قېتىمقى يۇغۇرما تاراتقۇلارنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ھەرقايسى ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرى بىلەن بىرلىشىپ پىلانلاپ باشلىغان بولۇپ، پائالىيەتنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، گېزىتىمىزنىڭ پات ئارىدا تورغا چىقىرىلىپ يۈرۈشتۈرۈلىدىغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ تېخنىكا سۇپىسىغا تايىنىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تاراتقۇلار، ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىك تاراتقۇلار، ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك تاراتقۇلارنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، سۈرەت - يېزىق، قىسقا سىن، H5، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق تۈرلۈك يۇغۇرما خەۋەر قىلىش ۋاسىتىلىرى قوللىنىلىپ، تەشۋىقات تەسىر كۈچى كېڭەيتىلىدۇ.

  2020 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈچەش باسقۇچى، مۇشۇنداق ئاچقۇچلۇق پەيتتە، شىنجاڭدىكى ئۈچ دەرىجىلىك تاراتقۇلار بىرلىشىپ «مېھرى ئىللىق 2020» − نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە يۇغۇرما تاراتقۇلارنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى باشلىدى، ھەرقايسى لىنىيە مۇخبىرلىرى نۇقتىدا تۇرۇپ زىيارەت قىلىش ۋە شۇ جايدا ھېس قىلىش ئارقىلىق، ھەرقايسى جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى خىزمەت نەتىجىلىرى، يارقىن نۇقتىلىرى ۋە تەجرىبە - ئىزدىنىشلىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن قويۇق جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىدۇ.

  بۇ قېتىمقى يۇغۇرما تاراتقۇلارنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش پائالىيىتىدە يەنە ھەرقايسى جايلاردىكى نامرات ئاھالىلەر ئىشلەپچىقارغان، پىششىقلىغان ئەسلىي ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ھەمدە يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىدىغان باشلامچى كارخانىلار تونۇشتۇرغان خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى خەۋەر قىلىنىپ، رەتلىنىپ، يىغىلىپ، ئورۇلۇپ، «شىنجاڭچە تەم 2020 - يىللىق چاغانلىق مال كاتتا سوۋغىسى» تەييارلىنىپ، توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى ھەمتۈرتكە پائالىيىتى ئارقىلىق، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ نامرات رايونلارنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى ئاشۇرۇلۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئېغىر نامرات رايونلاردىكى نامراتلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىلىدۇ.

  يېقىندا، ئۈچ دەرىجىلىك تاراتقۇلار بىرلىشىپ تەشكىللىگەن يۇغۇرما تاراتقۇلار خەۋەر قىلىش كىچىك ئەترەتلىرى ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خەۋەر قىلىش نۇقتىلىرىغا بېرىپ، نۇقتىدا تۇرۇپ زىيارەت قىلىشنى باشلىدى. ئۇلار ئېتىز باشلىرىغا بارىدۇ، كەنتلەردە قۇرۇلغان زاۋۇتلارغا كىرىدۇ، باقمىچىلىق بازىلىرىنى كۆرىدۇ، دېھقانلارنىڭ ئالدىراش سىيماسىنى سۈرەتكە ئالىدۇ، ئىللىق ھارارەتكە تولغان ھېكايىلەرنى زەن سېلىپ ئاڭلايدۇ، شىنجاڭچە تەمدىكى خاس مەھسۇلاتلارنى ئىزدەيدۇ...
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ