مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش قەدىمىنى توسۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش سۇيىقەستى ئەخمىقانە خام خىيال

2019.12.06 16:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ئېلىجان ئىنايەت

  شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ، دۆلىتىمىز شىنجاڭىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ۋە قانۇن بويىچە قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىگە قارىتا ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، خالىغانچە تۆھمەت چاپلىدى، دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە يامان غەرەزدە ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن بوھتان چاپلاپ، بىزنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرىمىزگە ھە دەپ قارا چاپلىدى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يوققا چىقىرىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىنى نەزەرگە ئالماي، ئامېرىكىنىڭ قىلچە تۆۋەن چېكى بولمىغان «قوش ئۆلچەم»ى ۋە ساختا، رەزىل زومىگەرلىك لوگىكىسىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. مەن جۇڭگو شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن ۋە ئۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمەن.

  جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى ئەڭ زور چەكتە كاپالەتكە ئېرىشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 64 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 80 ھەسسە ئاشتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى؛ 2014 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا جەمئىي 2 مىليون 314مىڭ 700 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىقنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى %19.4تىن %6.1كە تۆۋەنلىدى. 2020 - يىلىغا بارغاندا، ھازىر يولغا قويۇلغان ئۆلچەمدە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل، كېلەر يىلى ئىككى يىلدا تەخمىنەن 817 مىڭ 100 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ كۆپ يۈز بېرىش، ئۈزۈلمەي يۈز بېرىش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك توسۇلدى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قوغدىلىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى، قىرغىزلارنىڭ تارىخىي داستانى «ماناس» «ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى. مىللىي تىل - يېزىق ئەدلىيە، مەمۇرىيەت، مائارىپ، ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - تېلېۋىزىيە، ئالاقە تورى، جەمئىيەت ئاممىۋى ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ئىشلىتىلدى.

  پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، مەن نەچچە تۈركۈم قېتىمدا دۇنيادىكى كۆپ دۆلەت ۋە رايون ئەمەلدارلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار، ئاخبارات تاراتقۇلىرى، ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە، زىيارەتتە بولۇشىغا ھەمراھ بولدۇم. ئۇلار شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەھەر، يېزا - كەنتلەردە ئائىلىلەرگە كىرىپ، «نۆل ئارىلىق»تا ئۇچرىشىش جەريانىدا، كۆرگىنى تىنچ، ئىتتىپاق - ئىناق جەمئىيەت ۋەزىيىتى، بەختلىك، خاتىرجەم ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئامما بولدى. ئۇلار مەسچىتلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، دىنىي زاتلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى، كۆرگىنى مۇھىتى گۈزەل، ئەسلىھەلىرى تولۇق دىنىي سورۇنلار، ئاڭلىغىنى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ جۇڭگونىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى تەرىپلىشى بولدى. كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، ئۇلارنىڭ كۆرگىنى ئازادە، يورۇق سىنىپلار، قۇياشتەك ئىللىق، خۇشال - خۇرام تەربىيەلەنگۈچىلەر، ئاڭلىغىنى دەرسخانىدىكى جاراڭلىق كىتاب ئوقۇغان ئاۋازلار ۋە مەيداندىكى شادلىق ناخشىلىرى، كۈلكە - چاقچاق ساداسى بولدى. ئېكسكۇرسىيە، زىيارەتتىن كېيىن، ئۇلار كۆرگەن - ئاڭلىغان ئەھۋاللارنىڭ بەزى غەرب دۆلەتلىرى ھەم تاراتقۇلىرىنىڭ تەسۋىرلىگىنىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ناھايىتى بەختلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى! ئومۇميۈزلۈك ھالدا، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى تەجرىبىلىرى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆگىنىشى، ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدىكەن، دەپ قارىدى.

  بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدىكى، ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى» پاكىتقا پەرۋا قىلمىغان يالغان - ياۋىداق سۆز. ئۇنىڭ ماھىيىتى كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسىدىغان ئەمەلىيەتتىن ئىبارەت، خاراكتېرى ئىنتايىن قەبىھ، غەرىزى ئىنتايىن رەزىل. ئۇنىڭ تۈپ مەقسىتى شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشىگە، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش. لېكىن ۋىجدانلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنى نەزەرگە ئالماي قالمايدۇ، بولۇپمۇ ماڭا ئوخشاش بىر ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلالايدۇ.

  قانۇن بويىچە تېررورىزمغا زەربە بېرىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ تۈپ قوغدىغانلىق. ئىلگىرىكى بىر مەزگىلدە، شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بېرىپ، ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن بىگۇناھ ئامما زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. ئۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى بىگۇناھ ئاممىنىڭ يارىلىنىشى ۋە ئۆلۈشىگە پەرۋا قىلمىدى. ھازىر شىنجاڭ مۇقىم، بىخەتەر بولدى، ئامېرىكىنىڭ بۇ ساختىپەز پارلامېنت ئەزالىرى ۋە سىياسەتۋازلىرى يامان غەرەزدە ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق»قا باشقىچە غەرەزدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇ، تەپ تارتماستىن «ئۈچ خىل كۈچ»كە يانتاياق بولۇپ، زوراۋان - تېررورچىلارغا يەل بەرگەنلىك. ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى رەزىللىككە تولغان، تىلغا ئالغۇدەك ياخشى تەرىپى يوق، بىراق شەرمەندىلىك بىلەن ئۆزىنى «كىشىلىك ھوقۇق مۇھاپىزەتچىسى» دەپ ھېسابلاپ، «قوش ئۆلچەم» بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى كەلسە - كەلمەس ئەيىبلىدى، بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرىگە تۆھمەت چاپلايدىغان رەزىل قىلمىش. مەن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايمەن!

  ھەققانىيەت كىشىلەر قەلبىدە. شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەممىگە ئايان، ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»دە شىنجاڭ خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتىگە بولغان ئەقەللىي ھۆرمەت كەمچىل بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت بۇ ئالىيجاناب ئۇقۇمغا ھاقارەت قىلىنىپ، خەلقئارا ئەخلاق - ھەققانىيەت ۋە ئىنسانىي ئەخلاق - پەزىلەتكە ئېغىر خىلاپلىق قىلىنغان، بارلىق ئاق كۆڭۈل ۋە ھەققانىي كىشىلەرنىڭ تىلغا ئېلىشىغا ئەرزىمەيدۇ. يامان ئىشنى كۆپ قىلىش ئۆزىگە بالادۇر. مەن ئامېرىكىنى ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق»تىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا، دىنلار ئىناقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان رەزىل قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە يانتاياق بولماسلىققا، زوراۋان - تېررورچىلارغا يەل بەرمەسلىككە دەۋەت قىلىمەن. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىپ، ئۆز بېشىنى يەيدۇ.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇش جەريانىدا، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ۋە ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئىناق ئۆتىدىغان دىنلار مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈردى، راۋاجلاندۇردى ۋە مۇستەھكەملىدى. نۆۋەتتىكى شىنجاڭدا ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلىپ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، دىنلار ئىناق، رايىش بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا. شۇنداق دېگۈم كېلىدۇكى، «ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش قەدىمىنى توسۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش سۇيىقەستى ئەخمىقانە خام خىيال.» شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ! شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ