مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئۆزىمىزنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىمىز بار

--شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيىتى ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «2019-يىللىق ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى

2019.12.06 14:28 مەنبە: خەلق تورى

  شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئۆزىمىزنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىمىز بار

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيىتى ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «2019-يىللىق ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى، باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

  شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش «2019-يىللىق ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى، دەپ بوھتان چاپلىدى ۋە ھەقىقىي ئەھۋالنى بۇرمىلىدى، ھەمدە ئاتالمىش "شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر"دە جۇڭگوغا بېسىم قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ئون مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئاممىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر تەشكىلات سۈپىتىدىكى شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيىتى ئامېرىكىنىڭ بۇ ئاتالمىش قانۇن لايىھەسىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ھەم بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. بۇ قانۇن لايىھەسىدە، ئوبيېكتىپ پاكىتقا سەل قارىلىپ، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى بۇرمىلانغان، بوھتان چاپلانغان ۋە يولسىزلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن، بۇ - شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى. بىز ئامېرىكىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن شۇنى سوراپ باقماقچىمىزكى، سىلەر شىنجاڭنى چۈشىنەمسىلەر؟ سىلەر شىنجاڭغا كېلىپ باققانمۇ؟ سىلەرنىڭ بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىمىز ھەققىدە قالايمىقان سۆزلەشكە نېمە ھەققىڭلار بار؟ بىزنىڭ بۇ شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىمىزنىڭ سىلەرگە ھەقىقىي شىنجاڭنى، شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇش ئەھۋالىنى ۋە شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىنى ئېيتىپ بېرىش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ