مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2019.12.02 15:14 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئاچتى

  بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھازىرقى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدىن پايدىلىنىپ، ئەۋزەللىكنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېتىز - ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشىنى باشقۇرۇش، باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش - ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، ھايۋانات - ئۆسۈملۈك يۇقۇملۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشتىكى «ئىككى تور» قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، تەربىيەلەشنى تۇتۇپ، تۈرنى تۇتۇپ، تۈزىتىشنى تۇتۇپ، قىشتىكى ئارىساللىقنى قىشتىكى ئالدىراشلىققا ئايلاندۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ پۇختا ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇق تەكشى بولۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇ تىزگىنلەش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۇ بايلىقى بىخەتەرلىكى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىدىغان سۇنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ۋە ئىلمىي، مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارى ۋە پىلانلىق سۇ ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۈردە يەر ئاستى سۈيىنى ھەددىدىن زىيادە ئېلىشنى ئىدارە قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكى سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، سۇ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ يىرىك بولۇشتىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك بولۇشقا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، سۇچىلىق ساھەسىدىكى كۈچلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپى بويىچە، سۇچىلىق خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەملىكەتلىك يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش نەق مەيدان يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك يېزا ھاجەتخانىلىرىنى ئۆزگەرتىش ھەم نامرات رايونلاردىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپى بويىچە، «مىڭ كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئون مىڭ كەنتنى تۈزەش»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھويلا - ئارانلارنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى «ئالتە ئىش» ۋە كەنتنى تازىلاش ھەرىكىتىدىكى «ئۈچنى تازىلاش، بىرنى ئۆزگەرتىش»نى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، قاتلاممۇقاتلام بېسىم چۈشۈرمەي، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، قولايلىق بولۇش، ماس كېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا يېزا ھاجەتخانىلىرىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ