مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە ئېتىبارسىز قاراش، زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنىڭ 2 - تۈركۈمدىكى نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى

2019.11.27 13:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، تەبىئىي بايلىق نازارىتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى، مالىيە نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى، سۇچىلىق نازارىتى، خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىللە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە ئېتىبارسىز قاراش، زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنىڭ 2 - تۈركۈمدىكى نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى، بۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىچە:

  1 . يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ساغلاملىق بۇيۇملىرى، مەكتەپ ئەتراپىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرى تۈزىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى»گە كاپالەتلىك قىلىندى. كۆكتات، قۇش - تۇخۇم، گۆش يېمەكلىكلىرى، سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋە دېھقانچىلىق دورىسى، مال دوختۇرلۇق دورىلىرىغا ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان تەركىبلەرنى قوشۇش مەسىلىسىنى تۈزەش سالمىقى ئاشۇرۇلدى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سۇبيېكتى 10 مىڭ 112 ئورۇن قېتىم تەكشۈرۈلدى، 678 ئورۇن تۈزىتىشكە بۇيرۇلدى، كىنىشكىسى يوق كارخانىدىن بىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ئالتە كارخانىنىڭ كىنىشكىسى بىكار قىلىندى، قالايمىقان مال سويۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا دورا قالدۇقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش قاتارلىق 169 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى؛ ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى ساختا تەشۋىق قىلىش ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ سېتىشنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلۇپ، 76 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 35ى تۈزىتىشكە بۇيرۇلدى؛ مەكتەپ ئەتراپىدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە مەخسۇس تازىلاپ رەتلەش يولغا قويۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش سۇبيېكتى 53 مىڭ 300 ئورۇن قېتىم، تىجارەت سۇبيېكتى 47 مىڭ ئورۇن قېتىم تەكشۈرۈلۈپ، 7439 ئورۇن تۈزىتىش، قېلىپلاشتۇرۇشقا بۇيرۇلدى، 581 ئورۇن تازىلاپ رەتلىنىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، «ئۈچ يوق يېمەكلىك» قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەردىن 394ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، چېتىشلىق سومما 1 مىليون 705 مىڭ 500 يۈەن بولدى؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىلىپ، يېمەكلىك جىنايىتى دېلوسىدىن 65ى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلىندى، «قارا زاۋۇت»، «قارا دۇكان»، «قارا ئۇۋا»دىن 12سى بىتچىت قىلىندى، يېمەكلىك جىنايىتى شايكىسىدىن تۆتى يوقىتىلىپ، 98 جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشۈرۈلدى، چېتىشلىق دېلو قىممىتى 14 مىليون 70 مىڭ يۈەن بولدى.

  2. ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ئېكولوگىيە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ۋە مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىلىرى تۈزىتىلىپ، «كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراق»نى قوغداش جېڭى قەتئىي ياخشى قىلىندى. مۇھىت مەمۇرىي جازا دېلوسىدىن 1208ى بېجىرىلىپ، مۇھىت جىنايىتى (ئورمان ۋە ئوتلاق بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش تۈرىدىكىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دېلوسىدىن 247سى رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىلىپ، 106 جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشۈرۈلۈپ، 151 ئادەمگە مەمۇرىي جازا بېرىلىپ، بىر تۈركۈم ئەخلەت، غەيرىي پۇراق، شاۋقۇن - سۈرەن، چاڭ - توزان ھەمدە سۇ قارا، سېسىق بولۇش، يۇندىنى بىۋاسىتە چىقىرىۋېتىش، ئورمان، ئوتلاقنى ۋەيران قىلىش قاتارلىق ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ئېكولوگىيە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىلىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى؛ دەريا - كۆللەرنى قالايمىقان ئىگىلەش، قالايمىقان قېزىش، قالايمىقان دۆۋىلەش، قالايمىقان قۇرۇش قاتارلىق «تۆت قالايمىقان» مەسىلىسىدىن 1272سى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىپ، 1268ى تۈزىتىلدى، ئۆچۈرۈلدى، دەريا - كۆللەرنى ئىگىلىۋېلىش، كەلكۈننى ئاققۇزۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش، دەريا ھالىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت جەھەتتىكى بىرتۈركۈم «كونا، چوڭ، قىيىن» مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى.

  3. يېزا ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش، ئاسراش كۈچەيتىلىپ، كەڭ بەلباغلىق تور، يېزا - كەنت يولى قاتارلىقلاردىكى كۈندىلىك ئاسراشتا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر نۇقتىلىق ھەل قىلىندى. 1016 يېزا - كەنتنىڭ 4G ئاساسىي پونكىت ئورۇنلاشتۇرما قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى تاماملاندى، 76 مەمۇرىي كەنت 4G تور بىلەن قاپلانماسلىق مەسىلىسى ھەل قىلىندى، زىيانغا ئۇچرىغان جەمئىي 329 ئاساسىي پونكىت، 32 كىلومېتىر ئوپتىكىلىق كابېل ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى؛ يولى قاتتىقلاشتۇرۇلمىغان 76 كەنتنىڭ قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى تاماملىنىپ، يېزىلاردىكى 2797.98 كىلومېتىر «يېرىم - يارتا» يول قاتتىقلاشتۇرۇلۇپ، «باش ئاغرىتىدىغان يول» «رىشتە باغلاش يولى»غا ئايلاندۇرۇلۇپ، دېھقان - چارۋىچى ئاممىنىڭ يول يۈرۈشى قولايسىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى.

  4. ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىما مەبلىغى «ھەممىباب كارتا»سى بويىچە مەخسۇس تازىلاش - رەتلەش، تۈزەش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىما مەبلىغىنىڭ ۋاقتىدا تارقىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. 28 تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى تۈرىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، «يېزىلار كەنتنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، كەنتلەر ئائىلىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، ئائىلىلەر ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، ئادەملەر تۈرنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق» پىرىنسىپى بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېنىقلاش، تۆۋەندىن يۇقىرىغىچە دەلىللەش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 10 مىڭ 277 كەنت، مەھەللە، 2 مىليون 299 مىڭ 700 ئائىلە، 5 مىليون 59 مىڭ 400 ئامما بەھرىمەن بولىدىغان ياردەم تولۇقلىمىسى تۈرى، مەبلىغىنى تارقىتىشنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى سىستېمىلىق رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش تاماملىنىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىما مەبلىغىدىن 87 مىليون 121 مىڭ 900 يۈەن ۋاقتىدا تارقىتىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرلۈك سىياسەتلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

  5. دىققەت كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مۇلازىمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بېجىرىش ۋاقتى ئۇزاق بولۇش، ئامما قايتا - قايتا قاتراش، كىنىشكا بېجىرىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەركەزلىك تۈزىتىلدى. كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مۇلازىمەت كۆزنىكىدىن 48ى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش كەسپىنى بېجىرىش ۋاقتى زور كۈچ بىلەن قىسقارتىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 686 مۇلازىمەت كۆزنىكىدە ئادەتتىكى تىزىملاش، رەنىگە قويۇپ تىزىملاشنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئون خىزمەت كۈنى، بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش بىر تۇتاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ توردا بېجىرىش سۈرئىتى تېزلىتىلىپ، 44 ناھىيە، شەھەردە كۆچمەس مۈلۈكنى رەنىگە قويۇپ تىزىملاشنى توردا بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، سەككىز ناھىيە، شەھەردە «ئالاقە تورى + كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش» پۈتۈن جەريانلىق مەشغۇلاتى ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ تارقاق تىزىملاشتىكى تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەر ئومۇميۈزلۈك تازىلىنىپ - رەتلىنىپ ھەل قىلىندى، 91 مەھەللىدىكى 11 مىڭ 79 ئاھالىنىڭ كۆچمەس مۈلۈك كىنىشكىسىنى بېجىرىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى پەسەيتىلدى.

  6. ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ماھارەت تەربىيەسى چۆرىدىلىپ، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ سالاھىيىتى ئۆلچەمگە يەتمەسلىك، تەربىيەلەشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولماسلىق، ھەتتا تەربىيەلەش ياردەم پۇل مەبلىغىنى يالغان مەلۇم قىلىپ، ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق تۈزىتىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 680 پۇقراۋى تەربىيەلەش ئاپپاراتىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، سالاھىيىتى ئۆلچەمگە يەتكەن 478 ئورۇن بېكىتىلدى، 122 ئورۇن قانۇن بويىچە بىكار قىلىندى؛ 2017 - يىلىدىن بۇيانقى تەربىيەلەش كۇرسىدىن 25 مىڭ 405ى نازارەت قىلىندى، تەكشۈرۈلدى، يالغان مەلۇم قىلىپ، كۆز بوياپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەربىيەلەش ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولغان 2842 كىشى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، چېتىشلىق سومما 3 مىليون 827 مىڭ يۈەن بولدى، مەخسۇس تۈزەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ماھارەت تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ قېلىپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەخسۇس تۈزەش ھەرقايسى مەسئۇل تارماقلىرى، ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسىلىنى ھەقىقىي، ئەمەلىي ھەل قىلىپ، مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر تۇتۇشقا، ئەمەلىي ئىشلەشكە تۈرتكە بولۇپ، تۈزەش، تۈزىتىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە ئىنكاس قايتۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ