مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا دەسلەپكى نەتىجە - ئۈنۈم كۆرۈلدى

2019.11.19 16:20 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ETCنىڭ يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدا ئىشلىتىلىش نىسبىتى %60تىن ئاشتى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا دەسلەپكى نەتىجە - ئۈنۈم كۆرۈلدى

  ئاپتوموبىللار ھەق ئېلىش پونكىتى ETC (ئاپتوموبىل توختاتماي ئېلېكتىرونلۇق ھەق ئېلىش سىستېمىسى)نىڭ مەخسۇس ئاپتوموبىل يولىغا كىرگەندە، ئاپتوموبىلنىڭ ئۇچۇرى پەرقلەندۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەق ئېلىش كالتىكى كۆتۈرۈلۈپ ئاپتوموبىل ئۆتىدۇ، پۈتكۈل ھەق ئېلىش جەريانىغا پەقەت ئۈچ سېكۇنتتىن بەش سېكۇنتقىچە ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ، 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى شەرقىي لىنىيەسى ئۇلانباي شىمالىي باغلىما يولى ھەق ئېلىش پونكىتىدا كۆرگەن كۆرۈنۈش. بۇ خىل كۆرۈنۈشنى ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ناھايىتى نۇرغۇن ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنىڭ ھەممىسىدە كۆرگىلى بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىي 2 مىليون 15 مىڭ 300 يۈرۈش ETC تارقىتىلغان بولۇپ، قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ 3 مىليون 174 مىڭ 900نى تارقىتىش ۋەزىپىسىنىڭ %63.48ى ئورۇندىلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ETCنىڭ يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدا ئىشلىتىلىش نىسبىتى %61.2 بولۇپ، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا دەسلەپكى قەدەمدە نەتىجە - ئۈنۈم كۆرۈلگەن.

  ETC نى ئىشلەتكەندە، ئاپتوموبىل ئىگىسى يول يۈرۈش جەريانىدا ئاپتوموبىل توختاتماي تۇرۇپلا ھەق تاپشۇرالايدۇ، بۇنى ئەنئەنىۋى ئادەم ئارقىلىق ھەق ئېلىشقا سېلىشتۇرغاندا، ئاپتوموبىل توختىتىش، ئەينەك چۈشۈرۈش، چىقىم قىلىش، ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىش، قوزغىلىش قاتارلىق ھالقىلار قىسقىراپ، ئۆتۈش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، قاتناش قىستاڭچىلىقى ئازايدى. «ئەمەلىي ئىشلىتىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ETC ئاپتوموبىل يولىدىن ئۆتۈش ئۈنۈمى ئادەم ئارقىلىق ھەق ئېلىش ئاپتوموبىل يولىنىڭكىدىن بەش - ئالتە ھەسسە يۇقىرى بولغان» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى ئۇنىۋېرسال پىلانلاش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى فېڭ يۆ.

  «مەن دائىم يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ماڭىمەن، ئىلگىرى ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتۈشكە نەچچە مىنۇت كېتەتتى، توسۇلۇپ قالغاندا تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت كېتەتتى. ھازىر ETC ئورناتتىم، ھەق ئېلىش پونكىتىدىن (سېكۇنتتىلا) ئۆتۈپ كېتىمەن، ئىنتايىن قولايلىق» دېدى ئەمدىلا ئۇلانباي شىمالىي باغلىما يولى ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتكەن ئاپتوموبىل ئىگىسى سۈن خۇڭبو.

  بۇ يىل 6 - ئايدا، ئاپتونوم رايون ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىكى ئۆلكە چېگراسىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەم ETCنى تەرەققىي قىلدۇرۇش - قوللىنىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ETCنى تەرەققىي قىلدۇرۇش - قوللىنىش خىزمىتىنىڭ قەدىمى تېزلىتىلىپ، ئۆلكە چېگراسىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىكى تۈرلۈك ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆلكە چېگراسىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى چېتىلىدىغان 787 ETC ئاپتوموبىل يولىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملاندى، 312 يۈرۈش ETC سىستېمىسى قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي تاماملاندى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئۆلكە چېگراسىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش خىزمىتى بىرلەشمە تەڭشەش، بىرلەشمە سىناق قىلىش باسقۇچىغا كىردى.

  فېڭ يۆ مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى ئاپتوموبىل يوللىرىغا ئۆزگەرتىلگەن ۋە يېڭىدىن ياسالغان ئاپتوموبىل يوللىرىنى قوشقاندا ئاپتونوم رايونىمىزدا ETC ئاپتوموبىل يولى 1606گە يەتتى، كېيىنكى مەزگىلدە ETCنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىگە ئاساسەن ETC ئاپتوموبىل يوللىرى مەلۇم نىسبەت بويىچە داۋاملىق ئىشلىتىلىپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سەپەر تۇيغۇسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆستۈرۈلىدۇ.

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ETCنى تەرەققىي قىلدۇرۇش - قوللىنىش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن شىنجاڭدا ئاپتوموبىلغا ETC ئورنىتىش نىسبىتىنى %80تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرىدىغان ئاپتوموبىلدا ETCنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى %90تىن ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوموبىل توختاتماي تېز ھەق ئېلىشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ