ئاپتونوم رايونلۇق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 8- قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى
ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك
مۇخبىرىمىز جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 8- قېتىملىق يىغىنى ئېچىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى خىزمىتى ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تېخىمۇ يۇقىرى سىياسىي يۈكسەكلىكتىن قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش بىلەن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەخسۇس كۈرەشنىڭ چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىرگەنلىكىگە قارىتا، تۈزىتىش نىشانىنى چوڭقۇر قېزىشنى چىڭ كۆزلەشتە تەۋرەنمەي، سىجىل كۈچەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، دېلو پاش قىلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، «مۇناسىۋەت تورىغا زەربە بېرىش، مۇھاپىزەت كۈنلۈكىنى بۇزۇش»، «مالىيە مەنبەسى ۋە يېڭى قان تولۇقلاشنى ئۈزۈپ تاشلاش»، كەسىپلەر بويىچە تۈزەش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مەركەزنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش 21- نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان پىكىرلەر بويىچە تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىكتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرگە ئومۇميۈزلۈك سېلىشتۇرۇپ، ئەستايىدىل ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، كەم قالغاننى تولۇقلاپ، چۈشۈپ قالغاننى تولۇقلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە سۈرئەتنى، سۈپەتنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، نازارەتچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەخسۇس تۈزەشنى قەتئىي، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، ئىنتىزام ئىجراسى سالمىقىنى زورايتىپ، ئەمەلىي تۈزىتىش نەتىجە - ئۈنۈمى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىدىن سارقىت ئاقان، جاڭ ۋېنچۈەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.