خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش، قەھرىمانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، ئۇلارنىڭ كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، دەۋر يېڭىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق ئورگانلار جاڭ فۇچىڭ قاتارلىق 278 شەخسكە، ھەمدە شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «غەربكە كۆچكۈچى» ۋەتەنپەرۋەرلىكتە ۋە كۈرەش قىلىشتا ئىلغار توپلار قاتارلىق 22 كوللېكتىپقا «ئەڭ گۈزەل كۈرەشچىلەر» دېگەن نامنى بېرىشنى قارار قىلدى.
شىنجاڭ بويىچە «ئەڭ گۈزەل كۈرەشچىلەر» دېگەن نامغا ئېرىشكەن 10 كىشى بولسا، ئايرىم-ئايرىم ھالدا بۇرماقان مولدۇ، غەيرەت مامۇت، ليۇ مىڭتىڭ، نادىبېك ھاۋازبېك، ۋۇ دېڭيۈن، قۇربان نىياز، قۇربان تۇلۇم، جاڭ بياۋ، پېڭ جيامۇ، سەيپىدىن ئىسرائىل قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى «ئەڭ گۈزەل كۈرەشچىلەر» دېگەن نامغا ئېرىشكەن ئۈچ كىشى بولسا: ليۇ خۇبىن، جىن ماۋفاڭ، ۋېي دېيۇ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ