خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستان پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەزەربايېۋا ۋە تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى نىگماتۇرىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 21-سېنتەبىردىن 25- سېنتەبىرگىچە قازاقىستاندا رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى، نۇرسۇلتاندا تۇنجى زۇڭتۇڭ نەزەربايېف ۋە زۇڭتۇڭ توقايېف بىلەن كۆرۈشتى، نەزەربايېۋا، نىغماتۇلىن بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەشتى، زۇڭلى مەمىن بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. كۆرۈشۈش جەريانىدا، قازاقىستان رەھبەرلىرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، لى جەنشۇ بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ