مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ «ئەڭ گۈزەل كۈرەشچىلەر»نى باھالاش، تەقدىرلەش ۋە ئۇلاردىن ئۆگىنىش، ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يېڭى جۇڭگونىڭ كۈرەش سىمفونىيەسىنى ياڭرىتىپ، يېڭى دەۋردىكى كۈرەشچىلەرنىڭ ناخشىسىنى جاراڭلىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ «ئەڭ گۈزەل كۈرەشچىلەر»دەپ تەقدىرلەنگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2019.09.26 14:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا «ئەڭ گۈزەل كۈرەشچىلەر»نى باھالاش، تەقدىرلەش ۋە ئۇلاردىن ئۆگىنىش، ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ۋاپات بولغان «ئەڭ گۈزەل كۈرەشچىلەر»نى چوڭقۇر ياد ئەتتى، تەقدىرلەنگەن يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، «ئەڭ گۈزەل كۈرەشچىلەر»نىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق تەشكىلاتچى ئورۇنلار «ئەڭ گۈزەل كۈرەشچىلەر»دىن ئۆگىنىش ۋە ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان بارلىققا كەلگەن قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى باھالاپ تەقدىرلىدى. بۇ، قەھرىمانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن ئۆگىنىش، دەۋرنىڭ يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە يېڭى دەۋرنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنى ياخشى بېسىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھاتنىڭ تەڭداشسىز مۇساپىسىدا، ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشاپ كەلگەن كۈرەشچىلەر بىلەن قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان سانسىزلىغان قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇلار ئەقىل-پاراسىتى، قان-تەرى، ھەتتا ئىسسىق قېنى، ھاياتى بەدىلىگە، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن تىللاردا داستان بولغۇدەك سەلتەنەتلىك سەھىپىلەرنى ياراتتى. ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى قەھرىمان نەمۇنىچىلار بىزنىڭ ھۆرمەتلىشىمىزگە ۋە ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. «ئەڭ گۈزەل كۈرەشچىلەر»نىڭ ئىلغار ئىش - ئىزلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرەش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىمفونىيەسىنى ياڭرىتىپ، يېڭى دەۋردىكى كۈرەشچىلەرنىڭ ناخشىسىنى جاراڭلىتىپ، قەھرىمان ـ نەمۇنىچىلارنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىدە چىڭ تۇرۇشى، كۈرەش ئىرادىسىنى چىڭىتىشىغا ئىلھام بېرىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  «ئەڭ گۈزەل كۈرەشچىلەر»نى تەقدىرلەش يىغىنى25- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ تەقدىرلەنگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ