خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 24-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن «يېڭى جۇڭگونىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە قانۇن تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى» توغرىسىدا 17-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دۆلەت تۈزۈمى ۋە قانۇن- تۈزۈمنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردە دۆلەت تۈزۈمى ۋە قانۇن- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن پارتىيە يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئاچقان توغرا يولنى بويلاپ داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يولداش يۈ جىگاڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ