شى جىنپىڭ «ئۇلۇغ مۇساپە، شانلىق نەتىجە __ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى نەتىجىلەر كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەڭ جېڭ، ۋاڭ چىشەن كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

2019.09.24 16:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24– سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9– ئاينىڭ 23–كۈنى بېيجىڭ كۆرگەزمە سارىيىغا بېرىپ، «ئۇلۇغ مۇساپە، شانلىق نەتىجە __ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى نەتىجىلەر كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بىرمۇبىر مۈشكۈلاتلارنى يېڭىپ، تارىخ سەھىپىسىنى چاقنىتىدىغان ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. 70 يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىز قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي نەتىجىلەر، يۈزبەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭلا جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلالايدىغانلىقى، سوتسىيالىزىمنىڭلا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدىغانلىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭلا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغانلىقى، سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغانلىقى، ماركسىزمنى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىلا جۇڭگونى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا يېتەكلىيەلەيدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى. 70 يىلدىن كېيىن قايتا سەپەرگە ئاتلانغاندا قەدەمنى باشتىن ئېلىش كېرەك. يېڭى جۇڭگونىڭ قاينام – تاشقىنلىق تەرەققىيات مۇساپىسى، جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان شانلىق نەتىجىسى، قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ياخشى نامايان قىلىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدەك جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ