خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئېلىمىز ماھارەت ماھىرلىرىنىڭ 45 –نۆۋەتلىك دۇنيا ماھارەت مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئېلىمىز ماھىرلىرى ۋە ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسى بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم. تېخنىك ئىشچىلار قوشۇنى جۇڭگو ياسىمىچىلىقى، جۇڭگو ئىجادىيىتىنى تىرەپ تۇرىدىغان مۇھىم ئاساس، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش، ئىشلىتىش، باھالاش، ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخنىك ئىشچىلار تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، زور تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر ۋە تېخنىكا ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەتتە تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىدىغان ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ ياشلارنى ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىدىن بولۇش، ماھارەت ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش يولىدا مېڭىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ