شى جىنپىڭ ئىراق زۇڭلىسى ئابدۇللا مەھدى بىلەن كۆرۈشتى

2019.09.24 16:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 23- سېنتەبىر خەلق سارىيىدا ئىراق زۇڭلىسى ئابدۇللا مەھدى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىراقنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. بۇلتۇر ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، جۇڭگو تەرەپ ئىراق تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ئىراق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىراقنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ ئىراقنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو ئىراقنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ زور غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەيدۇ، ئىراقنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە قايتا قۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى داۋاملىق پائال قوللايدۇ ۋە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ