خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 24-سېنتەبىر يىغىن ئېچىپ، «يېڭى دەۋردە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىي شۆيۈەنى) خىزمىتى نىزامى»غا قاراپ چىقتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ۋەتەنپەرۋەرلىك − جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ يادروسى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، چوقۇم ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى خەلق مائارىپى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش شەرت. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدا، «يېڭى دەۋردە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى» تۈزۈپ تارقىتىلدى، بۇ، پۈتۈن خەلقنى ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ