خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24–سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9–ئاينىڭ 23–كۈنى كۈزلۈك كۈن–تۈن تەڭلەشكەن كۈن بولۇپ، دۆلىتىمىز 2–قېتىم «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى»نى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا قانىلى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى دېھقانلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ 1–سېپىدە ئىشلەۋاتقان يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا قانىلىدا ئاڭلىتىش باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تىرىشقاندىلا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى پۇختا، تەرەققىيات ئىشەنچى يېتەرلىك. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىدىكى نەتىجىلەر پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقىرى–تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك سېپىدە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسى. بۇ يەردە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى دېھقانلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ 1–سېپىدە ئىشلەۋاتقان يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.
شى جىنپىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا قانىلىدا ئاڭلىتىش باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇلارنىڭ پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى چوڭ سىياسەت–فاڭجېنى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى كەيپىياتى، يېڭى قىياپىتىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە يېزا ئىگىلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، يېزىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، دېھقانلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قويۇق كەيپىيات بەرپا قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ