شى جىنپىڭ بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى

بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

خەن جېڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2019.09.26 14:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا، بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايرودرومىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى 25- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىپ، ئايرودۇرۇمنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى ھەمدە ئاۋىياتسىيە بىناسىنى كۆزدىن كەچۈردى، ھەمدە ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىغا ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە قاتناشقان كەڭ كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئالدىن بەلگىلەنگەن قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى بەش يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىپ، ئوڭۇشلۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش بىناكارلىقىنىڭ مول ئەمەلىي كۈچىنى، جۇڭگو روھى ۋە جۇڭگو كۈچىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى نېمىدېگەن شانلىق- ھە! جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئارقا-ئارقىدىن «مۇمكىن بولماسلىق»نى مۇمكىنلىققا ئايلاندۇرۇپ، ئارقا - ئارقىدىن مۆجىزە ياراتتى. مۆجىزىلەر ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى، سوتسىيالىزم ئىشلەش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى يۈكسەك ئىرادە ۋە ئىشەنچ بىلەن داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. ئەمەلىيەت جۇڭگو خەلقىنىڭ چوقۇم قىلالايدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ چوقۇم قىلالايدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ