باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

غۇلجا ناھىيەسى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ئالدىن پۇختا ئىشلىدى

2018.04.20 10:09         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر خەۋەر قىلىدۇ: ھاۋانىڭ ئىللىشى بىلەن ئىلى ۋادىسىدا تېمپېراتۇرا تېز ئۆرلەپ، تاغدىكى قارلار ئېرىشكە باشلىدى. غۇلجا ناھىيەسى ئاممىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەتىيازلىق قار ئېرىشتىن پەيدا بولىدىغان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ئالدىن پۇختا ئىشلىدى.

  بۇ ناھىيە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خەلققە ياخشى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىگە ئاساسەن، ئەتىياز كىرىشى بىلەن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ئالدىن پۇختا ئىشلەشكە تۇتۇش قىلدى. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئىلگىرىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش- ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەت تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلىدى. «غۇلجا ناھىيەسىنىڭ 2018- يىللىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەت لايىھەسى»نى تۈزۈپ، يېزا- بازارلارنىمۇ ئۆز تەۋەلىكىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىشقا بۇيرىدى. بۇ لايىھەلەرنى تەكشۈرۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنى تېخىمۇ مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە قىلدى. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، سۇ رايىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتتى. نۇقتىلىق ئېقىنلارنىڭ تاغدىن چىقىش ئېغىزىغا كەلكۈندىن سىگنال بېرىش خادىمى ئورۇنلاشتۇرۇپ، دەريا، ئېرىق- ئۆستەڭلەرگە سۇ كېلىش ئەھۋالىنى دەل ۋاقتىدا ئىگىلىدى، مەخسۇس خادىملارنى دەريا- ئېقىن، غول ئۆستەڭلەرنى 24 سائەت تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى، تەۋەلىك بويىچە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنى قۇرۇپ، ئۆستەڭ بېشى، توسما، كەلكۈن سۈيىنى ئېقىتىش ئۆستىڭى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئارىلاپ تەكشۈردى. ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسى تېخنىكلارنى تەشكىللەپ، جىرغىلاڭ سېيى، ئويمانبۇلاق جىلغىسى، قازانچى جىلغىسى، چۇلۇقاي جىلغىسى، توسۇن جىلغىسى، بوربۇسۇن سېيى، غول، تارماق ئېرىق- ئۆستەك، نۇقتىلىق توسما، خەتەرلىك بۆلەكلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ چىقتى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق 121 ئورۇندىكى يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگەتتى. ئون كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دەريا، غول ئۆستەڭدىكى لاتقىلارنى تازىلىدى. 13 توننا سىم تور، 16 توننا سىم ۋە يېتەرلىك خالتا سېتىۋېلىپ تەقلەپ قويدى. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى ھاۋارايىنى تەكشۈرۈپ، ئۆلچەپ، ناھىيەلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىغا ۋاقتىدا يوللاپ تۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر