- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى شەھىرى ساقچىلىرى 48 سائەت ئىچىدە «1 مىليون يۈەن نەق پۇل ئوغرىلىنىش» پەۋقۇلئاددە چوڭ ئوغرىلىق دېلوسىنى پاش قىلدى
يېقىن دوستىنىڭ ئاپىسى زور سوممىدىكى پۇلنى كۆرۈپ نىيىتىنى بۇزۇپ پۇلنى ئوغرىلىۋالغان، ئوغرىلانغان پۇل تولۇق قايتۇرۇپ كېلىندى
2017.08.02 16:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1 مىليون يۈەن نەق پۇلنىڭ غەلىتە يىتۈپ كېتىشى، خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئالاقىدار 11 كىشى بىلەن تاكتىكىلىق سۆھبەتلىشىشى، نەق مەيداننى تەھقىقلەش، رەتلەش، دەلىل-ئىسپات ئېلىش جەريانىدىن كېيىن، ئىشنىڭ تېگى-تەكتى ئايان بولدى. پۇل ئېگىسىنىڭ يېقىن دوستىنىڭ ئاپىسى زور سوممىدىكى پۇلنى كۆرۈپ نىيىتى بۇزۇلدى ۋە ئاخىرىدا قانۇن تورىغا چۈشتى.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق تارماق ئىدارىسى جىنايى ئىشلارنى تەھقىقلەش چوڭ ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئەترەت 48 سائەت ئىچىدە تەۋەلىكىدىكى 1 مىليون يۈەن نەق پۇل ئوغرىلىنىش دېلوسىنى ئوڭۇشلۇق پاش قىلغان.
7-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 20دە، قەشقەر شەھىرىگە قېچىپ بېرىۋالغان جىنايەت گۇماندارى جاڭ فامىلىلىك قولغا چۈشكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر