باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما بىر يەرگە جەم بولۇپ، تېلېۋىزوردا بىۋاسىتە كۆرسىتىلگەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتنى كۆردى

جەڭ مەيدانىدا سەپراس بولغان ئەسكەرلەر ئارمىيەمىزنىڭ، دۆلىتىمىزنىڭ ھەيۋىسىنى نامايان قىلدى

2017.08.02 12:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسل خەۋىرى: قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەسى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، جەڭ مەيدانىدا سەپراس بولدى! جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 7 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، داغدۇغۇلۇق ھالدا جەڭ مەيدانى ھەربىي پاراتى ئۆتكۈزۈپ، 90 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى. جۇرىخې مەشىق بازىسىدا ئەمەلىي جەڭ مەشىقىگە قاتنىشىدىغان قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى جەڭ مەيدانىدا سەپ تۈزۈپ، جەڭگىۋار روھىي ھالەت بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىنى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ بىر نەچچە يۈرۈش رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما بىر يەرگە يىغىلىپ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىۋاسىتە كۆرسەتكەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتنى كۆردى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىدى ھەم بۇنىڭدىن ئىپتىخارلاندى ۋە پەخىرلەندى.

  سائەت توققۇز ئەتراپىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2 – قەۋەتتىكى تېلېۋىزىيە – تېلېفون مەجلىسخانىسىدا ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىلگەن ھەربىي پاراتنى كۆردى. پارتىيە بايرىقى، دۆلەت بايرىقى، ئارمىيە بايرىقى جەۋلان قىلاتتى؛ ھەيۋەتلىك قورال – جابدۇقلار، ئارمىيەمىزدىكى ئاجايىپ جاسارەت كىشىنى جەلپ قىلاتتى....... كۆپچىلىك ئېكرانغا تىكىلمەكتە، ھەيۋەتلىك ۋە جەسۇر خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە ئۇلارنىڭ قورال – جابدۇقلىرىنى كۆرۈپ، شۇنداقلا رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلاپ، كۆپچىلىكنىڭ قەلبى دولقۇنلىدى، قاتتىق ھاياجانلاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمى ئىقتىسادىي ئالاقە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يادۇڭ ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرغان، ئۇ ھەربىي پاراتنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ناھايىتى ھاياجانلاندىم، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلق ئارمىيەسى چوقۇم غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلىدۇ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىدۇ! بىز بۈگۈنكى ئاسان قولغا كەلمىگەن ياخشى تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلىشىمىز، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىكى 200 نەچچە كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىسى پاراتنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن كۆردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى پارات ئارمىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتەك يېپيېڭى قىياپىتى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىدا قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى، بۇ، كىشىنى پەخىرلەندۈرىدۇ ۋە ئىپتىخارلاندۇرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى ئىقتىسادىي نىزام چىقىرىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەختىيار مىجىت مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پارات جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئارمىيە قۇدرەت تاپسا، ۋەتىنىمىز تېخىمۇ قۇدرەت تاپىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتتە، مەن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، باش نىشانغا يېتىشكە تۆھپە قوشىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەشكىللەپ، پاراتنى بىرلىكتە كۆردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ شاۋخۇا مۇنداق دېدى: مەن ناھايىتى ھاياجانلاندىم، ۋەتىنىمنىڭ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىدىن پەخىرلەندىم! خەلق ئارمىيەسىنىڭ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىدىن ئىپتىخارلاندىم، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىمدىن تېخىمۇ ئىپتىخارلاندىم. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ئۆز تۆھپىمىزنى قوشۇشىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق سۇ ئىشلىرى نازارىتىنىڭ زالىدا، 150 تىن كۆپرەك ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى – خىزمەتچى تېلېۋىزوردىن پاراتنى كۆردى. شىنجاڭ دەم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىلھاجى مەمتىمىن مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ دالا شارائىتىدىكى ھەربىي پاراتنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، بۇنىڭدىن ناھايىتى ھاياجانلاندىم ھەم چوڭقۇر ئىلھام ئالدىم. بۇنىڭدىن كېيىن پارتىيەمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋەتەننى، شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  ئىلغار، سەرخىل يېڭىچە قورال – جابدۇقلار، جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان سەرخىل قوشۇنلار...... تېلېۋىزوردىن پاراتنى كۆرۈۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر لىتىپ ھەسەن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پاراتتا قىلغان مۇھىم سۆزى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەتنى ۋە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدىكى يەنە بىر قېتىملىق‹‹سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى››. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ كېتەلەيمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ھەم ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بۇيىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يىغىلىپ تېلېۋىزوردا بىۋاسىتە كۆرسىتىلگەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتنى كۆردى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئوتتۇرا قاراجول يېزىسى ئوتتۇرا قاراجول كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، كەنت ساقچىسى، چېگرا قوغداش خادىملىرىنى مەخسۇس تەشكىللەپ، نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىلگەن پاراتنى بىرلىكتە كۆردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى جەي شاۋيۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى يېپيېڭى روھىي قىياپەت بىلەن پۈتۈن دۇنياغا بارلىق تاجاۋۇزچى دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىزمەت ئەترەتلىرىمىز ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە مۇنەۋۋەر خىزمەت نەتىجىسى بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

  قەشقەر شەھىرىدىكى ئامما، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن پاراتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاڭلىدى ۋە كۆردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىدى. قەشقەر شەھىرىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسى گۈلباغ كەنتىدىكىلەر ئەتىگەندىلا كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتى ئىشخانىسىغا يىغىلىپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پاراتنى بىرلىكتە كۆردى، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن قاتتىق ھاياجانلاندى. گۈلباغ كەنتىدىكى ئايگۈل مۇنداق دېدى: پاراتنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. بۇنىڭدىن ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسىنى كۆرۈپ يەتتىم، دۆلىتىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. دۆلىتىمىزنىڭ بۇنداق قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىدىن ناھايىتى ئىپتىخارلاندىم.

  شۇ كۈنى سەھەردە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىدىكى رەھبىرىي كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ ھەربىي پاراتنى كۆردى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى قانۇنچىلىق بۆلۈمىنىڭ كادىرى جاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىچ – ئىچىمدىن پەخىرلەندىم، خەلقنىڭ پەرزەنت ئەسكەرلىرىنىڭ ئۈن – تۈنسىز ھالدا يۇرت – ماكانىمىز ۋە دۆلىتىمىزنى قوغدىشى بىلەن بۈگۈنكىدەك بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۇق. قۇدرەتلىك خەلق ئارمىيەسى ئارقا تېرەك بولغاندىلا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تېز ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. قورغاس شەھىرى يىچىگاشەن شىۋە يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات ھەيئىتى ياڭ يۇڭچۈەن مۇنداق دېدى: پاراتنى كۆرگەندىن كېيىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، جۇڭگولۇق بولغانلىقىمىدىن ئىنتايىن پەخىرلەندىم، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز بارغانسېرى قۇدرەت تېپىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ.

  ئەتىگەن سائەت 8 دىن ئاشقاندا، بىر قىسىم مەھەللىلەردىكى ئاھالىلەر ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇنخابا رايونى) ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولى كوچىسى گۇاڭجۇ يولى مەھەللىسىگە يىغىلىپ، نەق مەيداندىن تارقىتىلغان پاراتنى كۆردى. گۇاڭجۇ يولى مەھەللىسىنىڭ شۇجىسى روشەنگۈل توختى پاراتنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پاراتتىن دۆلەت ۋە خەلق ئارمىيەمىزنىڭ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم، قۇدرەتلىك ۋەتەن بولمايدىكەن، خەلققە خاتىرجەملىك ۋە تىنچىلىق بولمايدۇ، ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كومپارتىيە ئەزاسىلىق بۇرچۇمنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىمەن.

  (مۇخبىرلىرىمىز دۇڭ شاۋخۇا، چېن چياڭۋېي، جاڭ شياۋيەن، جاۋ جىيۈن، ليۇ دۇڭلەي، شى شىن، مېھرىگۈل ناسىر، لۇ فېڭباۋ، جاڭ تىڭ، لى لى، جاۋ شىيا، لى خەنجى، بو شياڭلۇڭ، بارشا تېكىس، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز رېن چۈنخۇا، سۈن ۋېيشيا، شيې چېڭگۇڭ، خۇاڭ شياۋفاڭ، سۇڭ لىرېن، چېن ۋەنلۇ، مەن دېلې، ليۇ جىچياڭ، ۋاڭ جېنچياڭ، ئىليار، شاۋ شەنشەن)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر