باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خوتەندىكى كەلكۈن سۈيى مەزگىلىدە قاش تېشى قازغۇچىلار جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەك

2017.06.28 15:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياز كىرگەندىن بۇيان، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىدە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقۇرۇم تاغلىرىغا يىغىلىپ قالغان قارلار ئېرىپ، يۇرۇڭقاش دەرياسىغا كەلكۈن كەلدى. بىراق قاش تېشى قازغۇچىلارنىڭ نەپىس قاش تېشىغا بولغان ئىنتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلالمىدى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان يۇرۇڭقاش دەرياسىدا قاش تېشى قازغۇچىلارنىڭ كەلكۈن سۈيى خەۋپىگە ئۇچراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. شۇ يەردىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقى بارلىق ئاممىنىڭ دەريادا قاش تېشى تەرگەندە جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە جەزمەن دىققەت قىلىشى، كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچراش، يارىلىنىش قاتارلىق جىددىي ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونى 119 غا تېلېفون قىلىشى كېرەكلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى سەمىگە سالدى.

  خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، كەلكۈن مەزگىلى قاش تېشىنى ئاسان تاپقىلى بولىدىغان مەزگىل ئىكەن؛ ھەر يىلى 6-ئايدىن 8-ئايغىچە يۇرۇڭقاش دەرياسىدا قاش تېشى قازغۇچىلارنىڭ ئۇشتۇمتۇت كەلگەن قار سۈيى كەلكۈنى خەۋپىگە يولۇقۇش ئەھۋاللىرى كۆپ كۆرۈلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر