باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا قۇدۇقلارغا توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بوستانلىقلارغا نەپ يەتكۈزدى

2017.06.28 16:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تارىم ئويمانلىقىدىكى بوستانلىقلاردا ھازىر دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ تېرىشنىڭ دەل پەيتى يەنى ئېتىزلاردىكى ئالتۇندەك سارغايغان بۇغدايلار ئورۇلۇپ كۆممە قوناق مايسىسى كۆچۈرۈلمەكتە. تېرىقچىلىق مەزگىلىدىكى سۇ ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا بۇ يىل ئانچە قىس بولمىدى.

  قەشقەر ۋىلايىتى يېڭى شەھەر ناھىيەسى ياپچان بازىرى قۇمقىشلاق كەنتىدىكى ئابلەت روزى مۇنداق دېدى: بۇ شىنجاڭنىڭ قۇدۇقلارغا توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىن ئېلىنغان نەپ. بۇ يىل 1-ئايدا بۇ كەنتتىكى سۇغۇرۇش قۇدۇقىنىڭ ھەممىسىگە توك يەتكۈزۈلدى، ترانسفورماتورلارنىڭ ھەممىسى يېڭىلاندى، ئىلگىرىكى توك سىمى كونىراش، توك تۇراقلىق بولماسلىق مەسىلىلىرى ھەل قىلىندى.

  ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قۇدۇقلارغا توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى يىل ئىچىدە 1 مىليون 500 مىڭ مو ئېتىزدىكى 6000 غا يېقىن سۇغۇرۇش قۇدۇقىغا توك يەتكۈزۈش، بۇنىڭدىن 1مىليون 150 مىڭ كىشىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش ھەققىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  سۇغا كاپالەتلىك قىلىنسىلا بوستانلىقتىكى قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش كويىدا بولۇۋاتقان دېھقانلار تېرىقچىلىقتا يەڭگىللەپ قالماستىن يەنە نۇرغۇن پىلانلارنى تۈزىدۇ. ئابلەت روزى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى سۇ كەمچىل ئىدى، سۇغىرىشقا ئېرىقلاردىكى تۇزلۇق سۇنىلا ئىشلىتەتتۇق، بۇنىڭ بىلەن يەر شورلۇشۇپ ھوسۇلى ياخشى بولمايتتى، ھازىر توك يەتكۈزۈلۈپ سۇ يېتەرلىك بولدى، بۇ يىل مىنىڭ ھەر بىر مو يەردىن قىلىدىغان كىرىمىم ئىككى ئۈچ يۈز يۈەن كۆپىيىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن مەن قوغۇن، چىلان قاتارلىق ئىقتىسادىي كىرىمى ياخشىراق بولغان باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىمەن.

  دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ قۇدۇقلارغا توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىكى توك يەتكۈزۈشكە تېگىشلىك 942 قۇدۇققا توك يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى 6-ئاينىڭ ئاخىرى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلىنىپ بولىدىكەن.ئۇندىن باشقا، بۇ يىل يەنە 1527 كەنتكە توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، 569 كىچىك شەھەر بازار مەركىزىي كەنتنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى ۋە ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى تاماملىنىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر