باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان چوڭ پېچلىق رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرىمىز

بىڭتۈەن 14 - شى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭ، 224 - تۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسار لى لىنيۈ

2017.03.28 16:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىڭتۈەن 14 - شى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭ، 224 - تۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسار لى لىنيۈ مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان چوڭ پېچ بولۇش بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم يول. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئۇنى كونكرېت خىزمەتلىرىمىزگە تەدبىقلايمىز.

  224 - تۈەن يىلدا چىلانچىلىقتا نۇرغۇن ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەزكۇر تۈەن ئەتراپتىكى گۇما ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ يېزىلىرىدىن نۇرغۇن ئېشىنچا ئەمگەكچى كىرگۈزۈپ، ئەتراپتىكى يېزا - بازارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى پەسەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

  لى لىنيۈ مۇنداق دېدى: 224 - تۈەندىكى كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئىشلەمچىلەر كۈندىلىك ئالاقىلىشىش داۋامىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، ئۆزئارا تىل ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە ھەر يىلى ھېيت - بايراملاردا ئۆزئارا پەتىلىشىپ، بىللە ياشايدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىڭتۈەنلىكلەر مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن، بىڭتۈەن مەدەنىيىتى سىغدۇرۇشچان ۋە ئېچىۋېتىلگەن مەدەنىيەت بولۇپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇلما تەرەققىي قىلالايدۇ. 224 - تۈەنىمىز مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا قەرەللىك ھالدا بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ۋە مەدەنىيەتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ، خوتەن ۋىلايىتى ۋە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى، بىڭتۈەن روھى بىلەن ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى - خىزمەتچى ۋە ئاممىنى تەربىيەلەش، ئۇيۇشتۇرۇش، ئىلھاملاندۇرۇش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ كەلدى.

  لى لىنيۈ مۇنداق دېدى: 224 - تۈەنىمىز بۇنىڭدىن كېيىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشنىڭ ئۈلگىسى ۋە تىپى بولۇشقا تىرىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر