باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ساقچى - خەلق ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ياۋ پېڭبو

2017.03.28 16:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ياۋ پېڭبو مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، سۆزنىڭ مەزمۇنى مول، مەنىسى چوڭقۇر ۋە تەسىرلىك بولۇپ، بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە تونۇشىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە» دېگەن ئۇيغۇر ماقال - تەمسىلىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

  ياۋ پېڭبو مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، سىياسىي - قانۇن سىستېمىسىدا مۇھىم، ئىلغار تىپلارنى تاللاش، تىكلەش خىزمىتىنى تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، ساقچى - خەلق ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى پىلانلىدۇق. بىرىنچىدىن، ساقچى - خەلق ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار تىپلارنى تاللاش خىزمىتىنى سىياسىي - قانۇن قوشۇن قۇرۇلۇشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ئورنىدا پۇختا ئىشلەيمىز. ئىككىنچىدىن، تاللانغان تىپلارنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، ئىلغار ئىش - ئىزلىرىنىڭ ھەقىقىي بولۇشى ۋە پۇت تىرەپ تۇرالىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. ئۈچىنچىدىن، ئىلغار تىپلارنىڭ دەۋر روھى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى چوڭقۇر قېزىپ، يارقىن نۇقتىلارنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭقۇر ۋە تەلتۆكۈس قېزىپ، تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. تۆتىنچىدىن، شەكىل ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاخبارات تەشۋىقاتى، مۇھاكىمە يىغىنى، سەييارە لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامغا سىڭىپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىگىلىشى ۋە ئۆگىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. بەشىنچىدىن، ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان تۈزۈپ، تاللانغان تىپلارغا شەرەپلىك نام بېرىپ، ئۇلارنى داۋاملىق تەربىيەلەيمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر