باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«بەشنى تونۇش»نى كۈچەيتىش بىزنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىز

شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇھەررىر جاڭ شىنتەي

2017.03.28 16:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدىن سەمىمىي ئ ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە كەلگۈسى نەزەرگە ئېلىنغان بولۇپ، ئىدىيەۋى ئاساسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول، ئۇ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنىڭ بېيىتىلىشى ۋە راۋاجى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ قوللانمىسىدۇر.

  بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى بىزدەك نەشرىيات خىزمەتچىلىرىگە بىر چوڭ تېما بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە «بەشنى تونۇش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش بىزنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىزغا ئايلاندى. باش تېمىلىق نەشر بۇيۇملىرى ۋە «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش»نى مۇھىم ئۆگىنىش - تەربىيە ۋاسىتىسى قىلىشىمىز كېرەك.

  بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا بويسۇنۇپ ۋە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىپ، نەشرىياتچىلىق خىزمىتى ئاساسىي بازىسىنى قوغداشنى بۇرچىمىز دەپ بىلىپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش، تەربىيەسىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى تەشۋىق قىلىش ۋە پارتىيەنىڭ توغرا تەشەببۇسى باش تېمىسىدىكى نەشر پائالىيەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز؛ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ۋە «بەشنى تونۇش» باش تېمىسىدىكى نەشر بۇيۇملىرىنى «سەككىزگە يۈزلەندۈرۈش» بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز؛ «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز؛ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇستەھكەم ئاساس ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر