باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى دائىم ئېچىلدۇرىشىمىز لازىم

2017.03.20 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-مارت جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ ئۇل تېشى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى قوغدىغاندەك قوغدىشىمىز، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشىشىمىز لازىم.

  بۇ شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىدىن كۈتكەن ئۈمىدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسى بەس بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك خىزمەت ۋە ئۆگىنىش داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى دائىم ئېچىلدۇرىشىمىز لازىم.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر دىن ئىشلىرى كومىتېتى سىياسىي قانۇن باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۈەن خوڭيا مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى يېتەكچى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى داۋاملىق ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پائالىيەت مەزمۇنى ۋە قاپلىنىش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، بارلىق ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى پائالىيەت داۋامىدا تەربىيەلىنىش، ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز لازىم.

  ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پېڭ كاڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. ھازىر ئالتاي ۋىلايىتى ئارمىيە،ساقچى، يەرلىك ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ بەرپا قىلىش ۋە بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى پارتىيە تەشكىلاتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، كۈچلۈك تەرەققىيات ئېنېرگىيەسى، مۇقىملىق ئېنېرگىيەسى، خەلق تۇرمۇشى ئېنېرگىيەسىنى جۇغلاپ، ئىتتىپاقلىقنى قوغدايدىغان، جەمئىيەتنىڭ ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك قورغان بەرپا قىلماقتا.

  كۇچا ناھىيەسى ئۇزۇن بازىرى ئۈچ قارا كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ھۈسەنجان مەمەتجان مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدە كۈچ بىرلىكتە ئىش ئۆملۈكتە دېگەن ئۇيغۇر ماقال تەملىسىنى نەقىل كەلتۈردى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق چىقىشىپ ئۆتۈش، بەختلىك خاتىرجەم بولۇشىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىشىمىز لازىم، شۇنداق قىلغاندىلا گۈزەل شىنجاڭنىڭ بىرلىكتە قۇرۇپ چىقالايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر