باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خامچوت دوكلاتىغا داۋاملىق قاراپ چىقتى

ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، ئەسقەت كەرىمباي قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

2017.03.10 13:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-مارت ئەتىگەندە، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر گۇرۇپپىلار بويىچە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، 2016-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ خامچوتنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ۋە 2017-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتقا قاراپ چىقتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ئەسقەت كەرىمباي قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يۈ ۋېيپىڭ، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر