باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

17- تۈركۈمدىكى دوكتورلار مۇلازىمەت ئۆمىكى مۇلازىمەت قىلىش ۋە چېنىقىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلدى

2016.12.09 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ئۈرۈمچىدە 17- تۈركۈمدىكى دوكتورلار مۇلازىمەت ئۆمىكىنىڭ مۇلازىمەت قىلىش ۋە چېنىقىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلگەن 56 ئەزاسىنى قارشى ئالدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن قارشى ئېلىش يىغىنىغا خەت ئەۋەتتى.

  بۇ يىل، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە شەرقىي قىسىمدىكى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە 396 ياش ئىختىساس ئىگىسىدىن 17- تۈركۈمدە مۇلازىمەت ئۆمىكى تەشكىللەپ، غەربىي رايون، ئىنقىلابىي كونا رايون ۋە چېگرا بويىدىكى مىللىي رايونلارغا بىر يىللىق مۇلازىمەت ۋە چېنىقىشقا ئەۋەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىزغا كەلگەن دوكتۇرلار مۇلازىمەت ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ سانى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي سانىنىڭ 8/1 ىدىن ئاشىدۇ، بۇ ئالدىنقى تۈركۈمدىكىدىن 1.5 ھەسسە كۆپ بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئەۋەتىلگەن ئادەم سانى ئەڭ كۆپ ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دوكتورلار مۇلازىمەت ئۆمىكىنى غەربىي رايون ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇش مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەربىي رايوننى ئېچىشنى قوللاش ۋە رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى ماس تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى. ئىلگىرىكى دوكتورلار مۇلازىمەت ئۆمىكى ئەزالىرى كۈچلۈك سىياسىي ئاڭ، ياخشى روھىي كەيپىيات ۋە ئەمەلىيەتچىل خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشۇپ، ياخشى نەتىجە ياراتتى ۋە ماختاشقا سازاۋەر بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر