باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» نى بېسىپ تارقىتىپ، ئۆلچەم، ئىسپات ۋە بەلگە سىستېمىسىنى بىرلەشتۈردى، يېشىل مەھسۇلاتلار «رەڭگارەڭ» بولمايدىغان بولدى

2016.12.08 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «بىرلىككە كەلگەن يېشىل مەھسۇلات ئۆلچىمى، ئىسپاتى، بەلگىسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقىتىپ، «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئومۇمىي لايىھەسى» نى ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان «بىرلىككە كەلگەن يېشىل مەھسۇلات سىستېمىسى بەرپا قىلىش» نى ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر» دە، 2020- يىلىغا بارغاندا، سىستېما ئىلىمى، ئېچىۋېتىلگەن، بىرلەشتۈرۈلگەن، كۆرسەتكۈچلىرى ئىلغار، بىرلىككە كەلگەن نوپۇزلۇق يېشىل مەھسۇلات ئۆلچىمى، ئىسپاتى، بەلگە سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، بىر خىل مەھسۇلات، بىر ئۆلچەم ، بىر تىزىملىك، بىر قېتىم ئىسپاتلاش، بىر بەلگە سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  «پىكىر» دە، تۆۋەندىكىدەك يەتتە جەھەتتىكى مۇھىم ۋەزىپە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بىرىنچىدىن، يېشىل مەھسۇلاتلارنىڭ مەزمۇنى ۋە باھالاش ئۇسۇلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرى ئىدىيەسىنى ئاساس قىلغان، يېشىل مەھسۇلاتلارنى باھالاشتىكى ھالقىلىق باسقۇچ، ھالقىلىق كۆرسەتكۈچنى ئىلمىي بېكىتىپ، مۇناسىپ باھالاش ئۇسۇلى ۋە كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، بىرلىككە كەلگەن يېشىل مەھسۇلات ئۆلچىمى، ئىسپاتى ۋە بەلگە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، كەسپىي ئاساسلىق مەسئۇل تارماقلارنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يېشىل مەھسۇلات ئۆلچىمى، ئىسپاتى، بەلگە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، بىرلىككە كەلگەن يېشىل مەھسۇلاتنى باھالاش ئۆلچىمى تىزىملىكى ۋە ئىسپات مۇندەرىجىسىنى يولغا قويۇپ، ئۆلچەملىك تىزىملىكتىكى ئۆلچەم بويىچە يېشىل مەھسۇلات ئىسپاتىنى يولغا قويۇپ، تەكرار باھالاشتىن ساقلىنىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، يېشىل مەھسۇلات باھالاش ئۆلچىمى بىلەن تەمىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ، لازىمەتلىكلىرى ۋە سەپىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئاۋۋال تاللاپ، يېشىل مەھسۇلاتلارنى باھالاش ئۆلچىمىنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىش كېرەك.

  بەشىنچىدىن، يېشىل مەھسۇلات ئىسپاتلاش ئۈنۈمىنى باھالاش ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل مەھسۇلات ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، يېشىل مەھسۇلاتلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆرسەتكۈچلەرنى مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، بازارنى تەكشۈرۈش ۋە جەمئىيەت نازارىتىنى ئاشكارا قوبۇل قىلىش كېرەك. ئالتىنچىدىن، تېخنىكا ئاپپاراتلىرى ئىقتىدارى ۋە ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم مەخسۇس يېشىل مەھسۇلات كەسپىي مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن يېشىل مەھسۇلات ئۇچۇر سۇپىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يەتتىنچىدىن، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چەت ئەللەرنىڭ يېشىل مەھسۇلات ئىستىھكامىغا پائال تاقابىل تۇرۇش. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر