باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدە 6.2 بال يەر تەۋرىدى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر تېزدىن خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى

2016.12.09 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، دەرھال ئادەم قۇتقۇزۇپ، ئاممىنى تېزدىن تارقاقلاشتۇرۇپ ۋە يۆتكەپ، نۇقتىلىق رايونلاردىكى ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 13تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسى تەۋەسى (شىمالىي كەڭلىك 43.83 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 86.35 گىرادۇس)دە 6.2 بال يەر تەۋرىدى. تەۋرەش مەنبەسى چوڭقۇرلۇقى 6000 مېتىر بولۇپ، تەۋرەش مەركىزىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 60 كىلومېتىر، سانجى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 79 كىلومېتىر، ساۋەن ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 80 كىلومېتىر، ئۈرۈمچى تۇدۇڭخابا رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 87 كىلومېتىر، شىخەنزە شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 57 كىلومېتىر، ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 103 كىلومېتىر كېلىدۇ. دەسلەپكى ئېنىقلاشقا قارىغاندا، 8-دېكابىر سائەت 19دىن 10 مىنۇت ئۆتكۈچە،يەر تەۋرەشتە ئىككى ئادەم يېنىك يارىلانغان، ئىككى ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 18 ئېغىز ئۆي ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، 105 ئېغىز ئۆيگە چاك كەتكەن. يارىلانغانلار دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇلغان بولۇپ، ئاپەتنىڭ كونكرېت ئەھۋالى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

  يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پۈتۈن كۈچ بىلەن ئادەم قۇتقۇزۇپ، ئاممىنى تېزدىن تارقاقلاشتۇرۇپ ۋە يۆتكەپ، نۇقتىلىق رايونلاردىكى ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەتەردىن ساقلىنىش ۋە سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىپ ئىسسىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قالدۇق يەر تەۋرەش ۋە ئىككىلەمچى ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تالاپەت ۋە مال - مۈلۈك زىيىنىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. دەرھال ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاپەت رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى باشلاپ تېزلىكتە ئاپەت رايونىغا بېرىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى. سانجى ئوبلاستىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يەر تەۋرەش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، خەلق ئىشلىرى، سەھىيە، قاتناش، ئالاقە قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىكى خادىملارنى باشلاپ تېزلىكتە ئاپەت رايونىنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈردى ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەشكىللىدى. قۇتۇبى ناھىيەسى ۋە يەر تەۋرەش تەسىرى كۈچلۈك بولغان باشقا ناھىيەلەرنىڭ پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى تېزلىكتە كۈچ تەشكىللەپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى ۋە ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، سانجى ئوبلاستى دەرھال يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، مۇناسىپ تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى قوزغىتىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللىدى؛ يېزا-بازار (كوچا ئىش باشقارمىسى) كادىرلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ۋە كەنت (مەھەللە) كادىرلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئاممىنى بىخەتەر جايغا يۆتكىلىشكە سەپەرۋەر قىلدى؛ ئوبلاست، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى، قوراللىق ساقچى قىسىم، چېگرا مۇداپىئە قىسىمى، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ئەترىتى، قاتناش، سەھىيە تارماقلىرىدىن تەشكىللەنگەن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خادىملىرى تېزلىكتە بىرىنچى سەپكە بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى؛ مۇناسىۋەتلىك تارماقلار چېدىر، يوتقان، پاختىلىق چاپان، يېمەكلىك، دورا، ئىچىملىك سۇ قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى ئاپەت رايونىغا توشۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش، ھاۋارايى تارماقلىرى ئاپەت ئەھۋالى ۋە ھاۋارايى ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىشنى كۈچەيتتى.

  نۆۋەتتە، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ كەيپىياتى تۇراقلىشىپ، ئىجتىمائىي تەرتىپ مۇقىملاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر