باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈكمۇ ؟

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئاينۇر ئابدۇللا

2016.12.08 15:58         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوبۇل 2016-يىل 24-نويابىر چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 17:30لەر ئەتراپىدا شېرىكى ھۈسەن بىلەن ئوغرىلىق قىلىشنى ئالدىنئالا مەسلىھەتلىشىپ بازار ئايلىنىدۇ. ئۇلار كورلا شەھىرى لىيۈەن كوچىسىدىكى مېۋە-چېۋە، كۆكتات ساتىدىغان بىر دۇكاننىڭ ئالدىدا خېرىدارنىڭ نەرسىسىنى ئوغرىلىماقچى بولغاندا، دۇكان غوجايىنى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ماجىرالىشىپ قالىدۇ. يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ليۇ چۈنگۇاڭ ئىككى ئوغرىنىڭ مۇتتەھەملىك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئوبۇلنى تۇتماقچى بولىدۇ. ئىككىيلەن قاتتىق تىركىشىۋاتقاندا ئوبۇل ليۇ چۈنگۇاڭنى ئىتتىرىۋېتىپ، نەق مەيداندىن قېچىپ كېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئوبۇلنىڭ يانفونى نەق مەيدانغا چۈشۈپ قالىدۇ. ليۇ چۈنگۇاڭ ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىپ، يانفوننى ساقچىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

  ساقچىلار ئەھۋال ئىگىلەپ قايتقاندىن كېيىن، ئوبۇل چۈشۈپ قالغان يانفونىنى ئېلىۋالماقچى بولۇپ قايتا نەق مەيدانغا كېلىپ، ليۇ چۈنگۇاڭ بىلەن يەنە جىدەللىشىدۇ ۋە يېنىدىكى قەلەمتىراچ بىلەن ليۇ چۈنگۇاڭنىڭ سول قول بىلەك قىسمىنى زەخىملەندۈرىدۇ، قانۇن دوختۇرىنىڭ جىسمانى تەندىكى زەخىمنى دەسلەپكى باھالاش نەتىجىسدە زىيانلانغۇچى ليۇ چۈنگۇاڭنىڭ زەخمىسى ئىككىنچى دەرىجىلىك يېنىك زەخمە، دەپ باھالىنىدۇ.

  كورلا شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى دېلونى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىپ، دەلىل-ئىسپاتلار باغلىنىشلىققا، قانۇنىيلىققا ئىگە، دېلودىكى دەلىل-ئىسپاتلار بىر-بىرىگە ماس بولۇپ، بۇ ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارىنىڭ زىيانلانغۇچىنى پىچاق بىلەن زەخىملەندۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ. دەلىل-ئىسپات تولۇق، پاكىت ئېنىق. بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىش قاتارلىق مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قوللانسا، بەزى زىددىيەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن تەسىرى ئېغىر، قولغا ئېلىش شەرتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ، دەپ قاراپ، قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى.

  (كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر