- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سۈرەتلىك خەۋەر
2016.08.26 14:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16- ئاۋغۇست، ئاتۇشنىڭ «يولچى» پۇتبول كوماندىسى ۋە شىخۇ شەھىرىنىڭ «گۈللۈك لوڭقىسى» پۇتبول كوماندىسى مۇسابىقە ئېلىپ بارماقتا. شۇ كۈنى، شىخۇ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان، شىخۇ شەھەرلىك مەدەنىيەت - رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، شىخۇ شەھەرلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان 2016- يىللىق شىنجاڭ شىخۇ پىۋىسى بايرىمى «گۈللۈك لوڭقىسى» ئاپتونوم رايونلۇق پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى شىخۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن سەككىز پۇتبول كوماندىسى ئۈچ كۈن مۇسابىقە ئېلىپ باردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر